مانا بۇ بوشلۇق، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان خەلق ئىچى مەكتىپى «پارلان كەسپىي كارخانا دىرېكتورلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپى» ئارقىلىق تولدۇرۇلماقتا. بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي كارخانىلارنى كېرەكلىك ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق، بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ پارلان شىركىتى دىرېكتورى مۇختەر ئەپەندى ۋە خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
ئۇيغۇر خەلقى سودىغا ماھىر خەلق، قەدىمىي يىپەك يولىدىن تارتىپ ھازىرقى دۆڭكۆۋرۈك خەلقئارا سودا بازىرى بۇنىڭغا شاھىت. ھالبۇكى، ئەسىرلەپ ئۆزىنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى، دىيانىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئاتا مىراس سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە، ئۆز سودىسىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش، كېڭەيتىپ كارخانا قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ياكى زامانىۋى كارخانىلار بىلەن رىقابەتكە چۈشەلىگۈدەك، سودا ئۇچۇرى بىلىم تېخنىكىلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپلەرگە كىرمەي تۇرۇپمۇ ئۆز تىلىدا كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولالايدىغان ئورۇن ياكى مەكتەپ يوق ئىدى، پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى تەرىپىدىن بۇ يىل-7ئايدىن باشلاپ ئېچىلغان پارلان كەسپىي دىرېكتورلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز تىلىدا زامانىۋىلاشقان سودا تېخنىكا بىلىم ۋە ئۇچۇرلىرى ھەققىدە بىلىم ئالىدىغان بىر كەسىپلەشكەن مەكتىپى بولدى. بۇنى ئۇيغۇر ئىقتىسادىي مالىيە مائارىپى ساھەسىدىكى بىر يۈكسىلىش دېيىشكە بولىدۇ.
بولۇپمۇ، بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇر ئېلى خەلقئارالاشقان چوڭ بازارغا ئايلىنىۋاتقان، تەرەپ-تەرەپتىن مەنپەئەت قازغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىگە يىغىلىۋاتقان، ھەر كەسىپ، ھەر سودا سانائەت تۈرلىرىگە مەبلەغ چاقىرىلىۋاتقان رىقابەت مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل سودا بىلىمى، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ چەكلىك مەبلىغىگە تايىنىپلا روناق تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە.
بۇنى تونۇپ يەتكەن بەزى ئۇيغۇر سودىگەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرمۇ پارلان دىرېكتورلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدە پۇل تېپىش رىقابىتىدە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان خىتاي ۋە چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن بەيگىگە چۈشۈشكە تەييارلانماقتا. پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى-2007 قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كارخانىچى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ تەرەققىيات يولىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئاساس مەزمۇن قىلىپ 25 قېتىملىق چوڭ تىپتىكى مەخسۇس لېكسىيە تەشكىللىگەن. 30 قارارغا يېقىن كارخانا خادىملىرى ۋە دىرېكتورلىرى كۇرسى ئاچقان. پارلان شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى، سودىگەرلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن 2011-يىلى يەنە مەخسۇس كەسپىي دىرېكتور تەربىيىلەش مەكتىپىنى قۇرغان.
پارلان دىرېكتورلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تونۇشتۇردى.
پارلان مەبلەغ سېلىش ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، كەسپىي دىرېكتورلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇختەر ئەپەندى مەكتەپ قۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ھازىرغىچە بۇ ساھەسىدە بايقىغان بوشلۇق ۋە ئارتۇقچىلىقلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى بايان قىلدى.
پارلان كەسپىي دىرېكتورلارنى تەربىيىلەش مەكتىپى كارخانا باشقۇرۇشتا، شارائىت، تىل، مۇساپە ھەم ۋاقىت چەكلىمىلىرى تۈپەيلى مۇكەممەل ساپالىق دىرېكتور ياكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشتا مۇكەممەل ئىقتىساد باشقۇرۇش بىلىملىرىگە ئىگە بولالماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى نەتىجە قازىنىشتا ئاساس بولغان بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ ئۇيغۇر سودا ساھەسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قۇۋۋەت ئاتا قىلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر سودىگەرلەر پارلاننىڭ تارقاتقان ھارارىتىدىن كۈچ ئېلىپ راۋاج تاپقۇسى.