قىلىچدار ئوغلى ئۈرۈمچى سەھنىلىرىدە كۈتۈلۈۋاتقان دا، ئۈرۈمچىنىڭ ئارقا كوچىلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر (1)

تۈركىيىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى، ئۈرۈمچىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا يەنە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز خاپىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.20
Imammemetning-Anisi-patigul-ghulam-305.jpg ئىماممەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 15-يىلى بۇرۇن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئارقىدىكى رەتنىڭ ئوڭدىن بىرىنچىسى. ئوتتۇرىدىكىسى غايىب بولغان ئوغلى ئىماممەمەت ئېلى (12 ياش مەزگىلى)
RFA/Shohret Hoshur

مەزكۇر ئائىلىلەرنىڭ كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇخبىرلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى غايىبلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن تۇقىز، ئايپاشا، مەرەمنىسا، قۇربانگۈل قاتارلىق ئانىلارنى قۇچاقتىكى بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ساقچىخانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە بىر كۈن قاماپ قويغان.

غايىب بولغان پەرزەنتنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنى بولسا، ئالالمايۋاتقان بانكىدىكى پۇلىنى ئېلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا يەنى كازىۋەنگە ئاچىقىۋەتكەن. ئۇنىڭ قوروسىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان خىتاي ساقچىلىرىدىن لىجيەن ئىسىملىك بىرى تالاغا سودىلىققا ماڭغان پاتىگۈلنىڭ قىزى مېھرىگۈلنىڭ بېلىكىنى تۇتۇپ تارتقاندا، پاتىگۈلنىڭ قالغان ئىككى ئوغلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن پاتىگۈل غۇلامنىڭ پەرزەنتلىرى ئارىسىدىكى ئاغزاكى تالاش-تارتىش چوڭ ماجىراغا ئايلانغان. تۆۋەندە بۇ ۋەقەلەرنىڭ قىسقىچە جەريانىنى پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.