ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ «قوش تىل» مەكتەپلىرىدە كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم

خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەمسىتىشىگە، خورلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بۇ خىل قىلمىشلارغا ئاڭسىز ھالدا ياردەمچى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى بالىلىرىنى خىتايچە مەكتەپكە بەرگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ئەپەندىم تەمىنلىدى.

بۇ ئۇيغۇر ئەپەندىم بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە كەمسىتىشكە، تاياق يېيىشكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، روھى كەيپىياتى ۋە مىجەز خۇلقىنىڭمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئامما بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ھەق ھوقۇقىنى قوغداشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.