ئاغرىقچان زۇمرەت ھاجىمنىڭ يەتتە ئايلىق بوۋىقى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلدى
2012.10.15
زۇمرەت ھاجىم بۇ يىل 33 ياش، ئۇنىڭ قارنىدىكى 7 ئايلىق بوۋاق مەجبۇرىي ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
زۇمرەت ھاجىمنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىدىلا ياخشى ئەمەس بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭغا بالا ئالدۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، تۇغۇتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما زۇمرەت ھاجىمنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئوپېراتسىيىگە ئېلىپ كىرىش مۇمكىن بولمىغان. زۇمرەت ھاجىمنىڭ بايان قىلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى بۇرۇنمۇ ئۇنىڭغا بالىنى ئالدۇرۇۋەتمىسەڭ، ئۆيۈڭنى تارتىۋالىمىز، بولمىسا تۈرمىدە ياتىسەن دەپ تەھدىت سېلىپ، ئىككى قېتىملىق بالىسىنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئىككى قېتىملىق بالا ئالدۇرۇۋېتىشتىن كەلگەنلىكىنى، ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي ئۈچىنچى قېتىم يەنە بالا ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلانغانلىقتىن، سالامەتلىكىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ، بەدەنلىرىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. زۇمرەت ھاجىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولغان يەرلىك ھۆكۈمەت، ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققىدىكى ئەرزىنى ئاڭلاشنى رەت قىلىپلا قالماي، دوختۇرخانىدا بالا ئالدۇرۇشقا كەتكەن چىقىملارنىمۇ زۇمرەت ھاجىمغا تۆلەتكەن. زۇمرەت ھاجىم دوختۇرخانىدا بالىنى چۈشۈرۈشكە كەتكەن چىقىملارنى قەرز ئېلىپ تۆلىگەن بولۇپ، ئائىلىسى يەرسىز ئىشلەمچى دېھقان بولغانلىقتىن قەرز تۆلەش ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان.
زۇمرەت ھاجىمنىڭ 3 قىزى بار بولۇپ 4-پەرزەنتىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلار ئۇچتىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرمەسلىك قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئېغىر ئاياق بولغانلىقتىن، بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلىپ، يەتتە ئايغىچە ئىككى قات بولغانلىقىنى يوشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنىڭ ئىككى قات ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان. پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە مەجبۇرلاپ تەھدىت سېلىپ بېسىم قىلغان. روھى بېسىمغا چىدىيالمىغان زۇمرەت ھاجىمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا بېرىشقا مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە دوختۇرلار ئۇنىڭ بالا ئالدۇرسا سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىغا قارىماي، بالىنى ئوكۇل ئارقىلىق قىيناپ چۈشۈرگەن، بالا تىرىك تۇغۇلغانلىقتىن، ئۇلار ئانىنىڭ كۆز ئالدىدا بالىنى قايتا ئوكۇل ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن.
بىز يەنە تەپسىلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك ئانا، بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. مەسئۇل خادىم ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.