قاھىرە شەھىرىنىڭ ئازادلىق مەيدانى «تازىلاش كۈنى» دەپ ئاتالغان جۈمەنىڭ غەلىبىسىگە شاھىت بولدى

ھەممىگە مەلۇمكى، تۇنىستىن تۇتاشقان ئوت يالقۇنى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە تەسىرىنى كۆرسەتكەن ۋە مىسىر، يەمەن، بەھرەين، ئومان، لېۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەۋجىگە چىققان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ نامايىشلارنىڭ ئەڭ زور غەلىبىگە ئېرىشكەن ئادرېسى مىسىر ئىدى. مىسىر خەلقى 30 يىلدىن بىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ھۆسنى مۇبارەكنى تەختتىن چۈشۈرگەن بولسىمۇ، مىسىر ھاكىمىيىتىنى ئۇنىڭ يانداشلىرىدىن تازىلاپ بولالمىغان ئىدى. تەبىئىيكى، نامايىشچىلارنىڭ تەلىپى مۇبارەكنى تەختتىن چۈشۈرۈشلا بولماستىن، بەلكى مۇبارەك باشچىلىقىدىكى چىرىكلەشكەن ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى پۈتۈنلەي ئۆرۈپ تاشلاپ، مىسىردا ھەقىقىي دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.

ئۇلار بۇ مۇددىئا بىلەن يولغا چىقىپ، نامايىشنى داۋام قىلدۇرغان ۋە ئۆتكەن ھەر بىر جۈمە كۈنىنى بىرەردىن چوڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. مەسىلەن: مىسىردا نامايىش باشلىنىپ بىرىنچى جۈمە كۈنى مۇبارەك ئۆزىنىڭ پارتىيىسى-مىللىي دېموكرات پارتىيىسىنى ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشۈرۈپ، ئەھمەد شەفىقنى يېڭى ھۆكۈمەتكە رەئىس قىلىپ چىقارغان ۋە مىسىر دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەر سۇلايماننى 30 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم ئۆزىگە مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.

خەلق بۇنىڭغا كۇپايە قىلمىغان ۋە نامايىش يەنىلا داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى جۈمە كۈنى مىسىر رەئىسى ھۆسنى مۇبارەك ئۆزىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رەئىسلىك سايلىمىغا نامزات بولمايدىغانلىقىنى، ھازىرقى رەئىسلىك ۋاقتى تۈگىگەنگە قەدەر خەلقنىڭ ئۆزىنى رەئىس دەپ قوبۇل قىلىشىنى، ئوغلى جامالنىڭمۇ رەئىسلىك سايلىمىغا كىرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولدى. ئەمما، ئۇ يەنىلا خەلقنى رازى قىلالمىدى. ئۈچىنچى جۈمە كۈنى نامايىشنىڭ كۆلىمى بىردىن چوڭىيىپ كەتتى.

بۇ جۈمە مۇبارەك ئۆزىنىڭ رەئىسلىكتىن ئىستېپا سورىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئەمما، مىسىرلىقلارنىڭ مەقسىتى مۇبارەكنىلا تەختتىن چۈشۈرۈش بولماستىن، چىرىكلەشكەن ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەختتىن چۈشۈرۈش بولغانلىقتىن نامايىش ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلدى. بۈگۈن 2011-يىلى 4-مارت كۈنىدىكى جۈمەنى مىسىر خەلقى «تازىلاش كۈنى » دەپ ئاتىدى. مىسىرلىق نامايىشچىلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىسى ئىسام شەرەف دېگەن كىشىنى ئۆزلىرى تەرىپىدىن تاللاپ مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى قىلىپ سايلاپ چىققانلىقى بولدى.

ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرى

قاتارنىڭ ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قاھىرەدىكى مۇخبىرى ئەيياش دەراجى 4-مارت جۈمە كۈنى مىسىرلىقلارنىڭ ئازادلىق مەيدانىدىكى غەلىبىسىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: مىسىرلىق نامايىشچىلار ئۆتكەن ھەر بىر جۈمە كۈنىدە غەلىبە قازىنىپ كەلدى. بۈگۈنكى جۈمەنى«تازىلاش كۈنى»دەپ ئاتىدى. بۇ مىسىرنى مۇبارەك ھاكىمىيىتىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلەشكەن مەسئۇللىرىدىن تازىلاش، شۇنداقلا مىسىرنى دىكتاتوردىن تازىلاش كۈنى بولدى. يەنە نۆۋەتتىكى نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ۋە ئۇلارنى ئۇرۇپ، تۇتۇپ تۈرمىلەرگە ئاتقان ئىچكى ئىسلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلنى تېزرەك سوتلاشنى تەلەپ قىلىش بولدى. خەلقنىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئادەملىرىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار مۇبارەكنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تازىلاپ بولمىغۇچە نامايىشنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئىسام شەرەف 2004-2005-يىللىرى ئارىسىدا مىسىر قاتناش ئىشلىرىنىڭ مىنىستىرى بولغان كىشى بولۇپ، مۇبارەك ھاكىمىيىتىگە نارازىلىقى بىلەن تونۇلغان شەخس. 4-مارت جۈمە كۈنى يېڭى باش مىنىستىر ئىسام شەرەف قاھىرەنىڭ ئازادلىق مەيدانىغا كېلىپ، خەلقنىڭ يوللۇق نامايىشىنى قوللىغان ۋە ئۇلارنى يەنە بارلىق تەلەپلىرى ئورۇندىلىپ بولمىغۇچە نامايىشنى داۋام قىلىشقا ئۈندەپ نۇتۇق سۆزلىگەن.