قاسىمجان دادىسىنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقى ھەققىدە توختالدى
2012.10.03

2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، غۇلجىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدىكى دېھقان سېتىۋالدى ئاكا تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆكتات پارنىكىدا ئىشلەۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. سېتىۋالدى ئاكا تۇتۇپ كېتىلىپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى قاسىمجان ۋە كۈيئوغلى ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. كېيىنكى يىلنىڭ باشلىرى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان قاسىمجان يېقىندا تۈرمىدىن چىقتى. بىراق ئۇنىڭ قېينىئاكىسى ئىبراھىم ۋە دادىسى سېتىۋالدى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە قامالغان.
ئۇلار بۇنچىلىك ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇدەك قانداق «جىنايەت» سادىر قىلغان؟ ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن ساق-سالامەت چىقىشىغا نېسىپ بولامدۇ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەركىن قاسىمجاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى كەچۈرمىشى ۋە دادىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.