قارىمايدا ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر پەرىشان ھالەتتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.21
2010.07.21
قارىماينىڭ يەر كۆلىمى 9500 كۇۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 290 مىڭ؛ نوپۇسنىڭ 78% ى خىتاي، 13% ى ئۇيغۇر. يەنى قارىمايدا 226 مىڭ خىتاي،30 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. مانا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2000غا يېقىن نوپۇس، قارىمايدا، باققالچىلىق، كۆكتاتچىلىق ۋە قاسساپلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مانا بۇ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللەر چېقىلماقتا، ئۇلار قارىمايدىن كېتىشكە مەجبۇرلانماقتا؛ تېخىمۇ مۇھىمى تىرىكچىلىك يولىدىن ئايرىلماقتا.
بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق.
نۆۋەتتە ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى بۇزۇش ۋە بۇ يەردىكى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنى شەھەرلىك سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئىجرا قىلماقتا. ھەرىكەتتە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشى مەھەممەدجان ئىسىملىك ساقچى خادىمى بولۇپ، ئۇ ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى سەزگۈر مەھەللىلەر دەپ ئاتىغان ۋە ۋە مەزكۇر مەھەللىلەرنى ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قاراپ، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، قارىمايدا، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ بولغان - بولمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما، خىتاينىڭ قارىمايدىكى بۇ ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى قارىماينىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.