قەشقەر، كۇچا ۋەقەلىرىگە قارىتا ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرى

" قېنى خىتاي، ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 100 مىڭ ئەسكەر ئايرىغان ئىدىغۇ؟ قېنى خىتاي بىخەتەرلىك ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىغۇ؟ قېنى خىتاي يەردە قاپقان، ئاسماندا قۇرغان ئىدىغۇ؟"

0:00 / 0:00

يۇقىرىدىكى جۈملىلەر، بىر پارچە ماقالىدىن ئۈزۈندىدۇر، ماقالە يۇقىرىقى سوئاللاردىن كېيىن مۇنداق داۋاملىشىدۇ : دېمەك شۇنچىۋالا تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتتىن توختىتالمىدى. خىتاي دەرس ئېلىشى كېرەك، ئىنسان ئىرادىسىنى قورال بىلەن بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ سۆزلەر ئەنگلىيىدە چىقىدىغان ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتىدە، يېقىنقى قەشقەر ۋە كۇچادىكى ۋەقەلەر ھەققىدە دېيىلگەنلەردۇر.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدىن قىسقا بىر پارچىدۇر. بىز بۈگۈن يەنە مەزكۇر ۋەقەلەر ھەققىدە، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق. ئۇ سۆزىدە كۇچا ۋەقەسىگە ئىشتىراك قىلغانلاردىن ئىككىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ۋە ئەسىر چۈشكەن خەلچەم ئابلىزنىڭ 15 ياشلىق ئۆسمۈر ئىكەنلىكىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ۋەتەن ئىچىدىكى 3 ھەرىكەت بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىر ئالاقىسى يوق دەپ قارايدىغانلىقىنى،چۈنكى بۇنىڭغا مۇمكىنچىلىك ئاز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، ۋەتەن ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا بىر ئالاقە بايقالسىمۇ، بۇنىڭ خاتا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز‏ - ئارا ئالاقە ئورنىتىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر. ئۇ بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئالاقە بولۇشىنىڭ تېررورلۇق پاكىتى بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي تەكىتلەۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، "خىتايدا مۇقىملىقنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى توغرا ؛ چۈنكى ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇم بار يەردە مۇقىملىق ھەر ۋاقىت تەھدىت ئاستىدا بولىدۇ؛ ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەھدىتنى تېررورلۇق تەھدىتى دېگىنى خاتا، چۈنكى خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلار تېررورچىلار ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى."