گېرمانىيە ئاخباراتى سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇننى يۈزلەشتۈردى

ھەبىبۇللا ئىزچى بىلەن جاڭ يابو ئارىسىدىكى سۆھبەت ئۈچ مەيدان 10 نەچچە سائەت داۋام قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر گېرمانىيەدە سىياسىي پاناهلىق تىلىگەن سابىق ساقچى جاڭ يابو گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، جۈملىدىن گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىزدىگەن. گېرمانىيە رادىيوسى سابىق ساقچى جاڭ يابو بىلەن ۋەتەندىكى چاغدا كۆپ قېتىملاپ قاماقلارغا كىرگەن سابىق تۇتقۇن ھەبىبۇللا ئىزچىنى يۈزلەشتۈرۈپ پروگرامما ئىشلىگەن.

گېرمانىيە رادىيوسى بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە بەزىدە «ياقىنىڭ ئېتەك، ئېتەكنىڭ ياقا» بولۇپ قېلىشتەك ھايات قانۇنىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەردە ئىشلەۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، مەھكۇم مىللەت ئەزالىرىغا ئۈمىدۋارلىق سىگنالى بەرگەن.

ھەبىبۇللا بىلەن جاڭ يابو ئارىسىدا ئۈچ مەيدان، 10 نەچچە سائەت سۆھبەت داۋام قىلغان. ئاز كەم 10 يىللىق ساقچى ھاياتىدا يۈزلەرچە، بەلكىم مىڭلارچە ئۇيغۇرنى سوراق قىلغان جاڭ يابو بۇ قېتىم بىر سابىق تۇتقۇننىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يۈزلەرچە سۇئالىغا دۇچ كەلگەن. گەرچە ھەبىبۇللانىڭ قولىدا پەقەت مىكروفون بولسىمۇ، جاڭ يابو تۆمۈر ئورۇندۇقتا ئولتۇرمىغان بولسىمۇ، سورالغان سۇئاللارغا ئۇ يەنىلا بەلگىلىك ئازاب ئىچىدە جاۋاب بەرگەن. ھەبىبۇللا جاڭ يابودىن بۇ يۈزلىشىش ھەققىدىكى تۇنجى تەسىراتىنى سورىغاندا، زۇلۇم زەنجىرىدە ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن پۇشايان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋىجدانى ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ھەبىبۇللا سورىغان سۇئاللارنىڭ بىرىدە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ھەر قېتىم كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇننى كېچىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ بۇنىڭ ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە مۇمكىن قەدەر ئاز ئىز قالدۇرۇش مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان.

شىۋېتسارىيەدىكى مەلۇم ۋەخپە بۇ يۈزلىشىش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ فىلىم پات يېقىندا قويۇلىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاندا كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەبىبۇللا ئىزچى نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە ياشىماقتا. ئۇ ئىلگىرى رادىيومىزدا ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ ئىشلەشتىن باشقا، ياۋروپادىكى 20 دەك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ مەھبۇسلۇق ھاياتى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر-ئانالىزلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيە ئاخباراتى ئۇنى مەزكۇر يۈزلەشمە پروگراممىسىغا دەۋەت قىلغان.