سابىق ساقچى جاڭ يابونىڭ خوتەن خانئېرىقتا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى دەلىللەندى
يېقىندا گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك» ژۇرنىلى ۋە ئامېرىكىنىڭ «نىيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئاتاقلىق خەلقئارا ئاخباراتلىرى ئۆزىنى «شىنجاڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى» دەپ تونۇشتۇرغان جاڭ يابو ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر بەرمەكتە.
جاڭ يابو خەلقئارا ئاخباراتلارغا قىلغان سۆزىدە، ئىلگىرى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرى بەرگەن گۇۋاھلىقلاردىكى ئۇچۇر، پەرەز ۋە ئانالىزلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قاتار يېڭى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلگەن ئۇنىڭ خىزمەت كېنىشكىسىدە خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ نامى قەيت قىلىنغان. بىز خوتەن ناھىيەسىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، خانئېرىقتا ئىلگىرى جاڭ يابو ئىسىملىك بىر ساقچىنىڭ بولۇپ-بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. خوتەندىكى بىر ئەدلىيە پونكىتى خادىمى يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەپسىزلىكى ئىدارىسى ئىككى نەپەر سابىق ساقچىدىن ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇقتۇرۇشتا بۇلاردىن بىرىنىڭ تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ بولسا چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى قەيت قىلىنغان ۋە دۆلەتكە خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۈستىدىن ئىبرەت ئۇقتۇرۇشى چىققان ئىككى ساقچىدىن بىرىنىڭ غەيرەت ئىسىملىك بىرەيلەن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلمىدى. يەنە بىر ساقچى خادىمى بولسا، ئۈستىدە ئۇقتۇرۇش چىققان يەنە بىر ساقچىنىڭ ئىسمىنىڭ جاڭ يابو ئىكەنلىكى ۋە ئىلگىرى خانئېرىق ساقچىخانىسىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2014-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن جاڭ يابونىڭ ئاشكارىلىغانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ سابىق رەئىس شۆھرەت زاكىر دېگەندەك تاقالغان، يەنى «ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەن» ئەمەس، پەقەت كۆزگە كۆرۈنمەس شەكىلگە ئۆزگەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇ لاگېردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، بىر قىسمى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ ئېغىر نازارەتنىڭ قاتمۇقات داۋام قىلىپ، پۈتۈن رايوننىڭ ئۈستى ئوچۇق چوڭ بىر تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە بايانلىرىدا 2023-يىلىغىچە، ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچىلارنىڭ ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر ئادەم تۇتۇش ۋەزىپىسى بارلىقى، ئەگەر تۇتىدىغانغا ئادەم تاپالماي، يەنى باھانە تاپالماي قالسا، ئۇ ساقچىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرىدىغانلىقىدەك يېڭى تەپسىلاتلارنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ تۇتۇشقا باھانە تېپىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ چېنىقىش پائالىيىتىنىمۇ كۆزىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خوتەندىكى ساقچى خادىملىرى جاڭ يابونىڭ خوتەندىكى مەزگىلىدە ئاكتىپ ياكى پاسسىپ خىزمەت قىلغانلىقى، 2014-يىلى خانئېرىقتا يۈز بەرگەن، 10 نەچچە كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بالاماس مەسچىتى ۋەقەسىدە رول ئېلىپ-ئالمىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
جاڭ يابو خەلقئارا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ دەسلەپتە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقى، كېيىن ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، لېكىن ھاكىمىيەتنىڭ زورلىشى بىلەن ۋەزىپىسىنى يەنە داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«نىيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» جاڭ يابو ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى قىممەتلىك دەپ باھالىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ سۈپەتلىشىگە سۇئال قويغان، يەنى دىكتاتور ھاكىمىيەتتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، كېيىن ھاكىمىيەتنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان ساقچىلارغا ئەخلاقىي جەھەتتىن قانداق باھا بېرىش مەسىلىسىنى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمىگە ھاۋالە قىلغان.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يەكەن قەتلىئامىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
28-ئىيۇل كۈنى 2014-يىلى يەكەندە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ قەتلىئامىنىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەينى چاغدىكى قەتلىئامدا ئاز دېگەندە ئىككى مىڭ كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ بۇ جنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باياناتىدا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى مەھەللىلەرگە كىرىپ-چىقىشنىڭ پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەنلىكى، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يەكەنگە مۇستەقىل ئاخبارات ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قەدەم بېسىپ باقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر ۋە ئابدۇرېھىم غېنىلار مەزكۇر قەتلىئامنى خاتىرىلەپ «زىمىستان» تورىدا ماقاله ئېلان قىلدى. ئۇلار ماقالىلىرىدە، ئاشۇ كۈنى بىر تۈركۈم ئاياللارنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ ساقچىخانىغا بارغان ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچ قوللىنىشى بىلەن ۋەقەنىڭ قەتلىئامغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
رادىيومىز ئەينى چاغدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىشقۇ قەتلىئامى كۆپ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلەنلا ئەمەس، يەنە قەتلىئامدا خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قوللانغانلىقى، قەتلىئام جەريانىدا ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئاتالمىش «ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلار» بىلەن بىللە ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، قەتلىئامدىن كېيىن ئېلىشقۇ ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ قورقۇپ ئۆيىدىن سىرتقا چىقالماي، 15 كۈندىن كېيىن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاھالىلەرنى ئۆيدىن تاشقىرىغا چىقىشقا جۇرئەتلەندۈرگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر.
مەمتىمىن ئەلا ۋە سالىھ خۇدايار يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئېلىشقۇ قەتلىئامىنى ۋاشىنگتوندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خاتىرىلىدى. ئۇلار باياناتىدا ئېلىشقۇ قەتلىئامىدا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى تەبىئىتىنىڭ يەنە بىر رەت ۋەھشىيلەرچە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، بۇ خىل قەتلىئاملاردىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي مەھەللىسىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرىشىت ئابدۇلھەمىد، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، تەشكىلات رەئىسى مۇساجان ئەر قاتارلىقلار قىلغان سۆزىدە، ئېلىشقۇ قەتلىئامى جەريانىدا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىدىن چۆچۈمىگەن، زوراۋانلىققا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرغان ۋە دۈشمىنىگە بەلگىلىك دەرىجىدە زەربە بېرەلگەن پىدائىيلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
گېرمانىيە ئاخباراتى سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇننى يۈزلەشتۈردى
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر گېرمانىيەدە سىياسىي پاناهلىق تىلىگەن سابىق ساقچى جاڭ يابو گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، جۈملىدىن گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىزدىگەن. گېرمانىيە رادىيوسى سابىق ساقچى جاڭ يابو بىلەن ۋەتەندىكى چاغدا كۆپ قېتىملاپ قاماقلارغا كىرگەن سابىق تۇتقۇن ھەبىبۇللا ئىزچىنى يۈزلەشتۈرۈپ پروگرامما ئىشلىگەن.
گېرمانىيە رادىيوسى بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە بەزىدە «ياقىنىڭ ئېتەك، ئېتەكنىڭ ياقا» بولۇپ قېلىشتەك ھايات قانۇنىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەردە ئىشلەۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، مەھكۇم مىللەت ئەزالىرىغا ئۈمىدۋارلىق سىگنالى بەرگەن.
ھەبىبۇللا بىلەن جاڭ يابو ئارىسىدا ئۈچ مەيدان، 10 نەچچە سائەت سۆھبەت داۋام قىلغان. ئاز كەم 10 يىللىق ساقچى ھاياتىدا يۈزلەرچە، بەلكىم مىڭلارچە ئۇيغۇرنى سوراق قىلغان جاڭ يابو بۇ قېتىم بىر سابىق تۇتقۇننىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يۈزلەرچە سۇئالىغا دۇچ كەلگەن. گەرچە ھەبىبۇللانىڭ قولىدا پەقەت مىكروفون بولسىمۇ، جاڭ يابو تۆمۈر ئورۇندۇقتا ئولتۇرمىغان بولسىمۇ، سورالغان سۇئاللارغا ئۇ يەنىلا بەلگىلىك ئازاب ئىچىدە جاۋاب بەرگەن. ھەبىبۇللا جاڭ يابودىن بۇ يۈزلىشىش ھەققىدىكى تۇنجى تەسىراتىنى سورىغاندا، زۇلۇم زەنجىرىدە ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن پۇشايان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋىجدانى ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ھەبىبۇللا سورىغان سۇئاللارنىڭ بىرىدە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ھەر قېتىم كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇننى كېچىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ بۇنىڭ ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە مۇمكىن قەدەر ئاز ئىز قالدۇرۇش مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان.
شىۋېتسارىيەدىكى مەلۇم ۋەخپە بۇ يۈزلىشىش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ فىلم پات يېقىندا قويۇلىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستاندا كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەبىبۇللا ئىزچى نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە ياشىماقتا. ئۇ ئىلگىرى رادىيومىزدا ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ ئىشلەشتىن باشقا، ياۋروپادىكى 20 دەك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ مەھبۇسلۇق ھاياتى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر-ئانالىزلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيە ئاخباراتى ئۇنى مەزكۇر يۈزلەشمە پروگراممىسىغا دەۋەت قىلغان.
ئامېرىكىدا خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان خاتىرە ساراي تەسىس قىلىنماقچى
مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان بىر خاتىرە ساراي سېلىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇمھۇرىيەتچى ئەزالاردىن رىك سكات (Rick Scott) ۋە مارشا بلەكبۇرن (Marsha Blackburn) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھەدە، خاتىرە ساراينى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان خەلقئارا باغچىدا تەسىس قىلىش، مەبلەغنى دۆلەت خەزىنىسى ۋە شەخسىي ئىئانىگە تايىنىپ ھەل قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەقەت تونۇشتۇرۇلغان، ئەمما تېخى ئاۋازغا قويۇلمىغان بۇ لايىھەدە، مەزكۇر خاتىرە ساراينى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە، تىيەنئەنمەن ۋەقەسىدە، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار خاتىرىسىگە تەسىس قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا مەۋجۇت بولغان «كومۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى» پۈتۈن دۇنيادا كومۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. ئەگەر مەزكۇر لايىھە مەجلىسنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، بۇ مەخسۇس خىتاي زۇلمىنى دۇنيانىڭ ئېسىگە سالىدىغان بىر سىمۋوللۇق قۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.
تۈرك يازغۇچى تاھا كىلىنچ خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى قامچىلىدى: «نومۇسسىزلار»
27-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە-خىتاي دۆستلۇق گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەس تۈرك ئاخباراتچىلارنىڭ ساختىپەز تەشۋىقاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشچىلار زۇلۇمغا كۆز يۇمماسلىق، زالىمغا يانتاياق بولماسلىق ھەققىدە شۇئارلار توۋلىدى ۋە ئاخبارات باياناتىدا تۈرك مۇخبىرلىرىنى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئوبيېكتىپ بولۇشقا چاقىردى.
ئالدىنقى يىلى «شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» نامىدا كىتاب يازغان تۈرك يازغۇچى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاھا كىلىنچ (Taha Kılınç) ئالدىنقى كۈنى «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە ماقاله ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە پاراللېل ھالدا خىتايپەرەس تۈرك مۇخبىرلىرىنى تەنقىد قىلدى. خىتاينى ماختاپ يېزىۋاتقان تۈرك مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ يىگۈزۈپ-ئىچكۈزۈۋاتقانلىقىنى، يەنى پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان تاھا كىلىنچ ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان ۋە زالىمنىڭ دېپىنى چالغان بۇ مۇخبىرلارنى «نومۇسسىزلار» دەپ ئەيىبلىدى. مەزكۇر مۇخبىرلارغا توققۇز سۇئال قويغان تاھا كىلىنچ ئۇلارنىڭ زىيارىتى داۋامىدا بىرەر ئۇيغۇر بىلەن خالىي ئۇچرىشىپ باققان-باقمىغانلىقى، ناماز ۋاقتىدا مەسچىتلەرگە كىرىپ باققان-باقمىغانلىقى، كوچىدا ئورالغان ئاياللار ، ساقال قويغان كىشىلەرنى كۆرۈپ-كۆرمىگەنلىكىنى سورىغان ۋە سۇئاللىرىغا يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ، بۇلارنىڭ كارنىيىدىن ئىلىنغان مۇخبىرلار ئىكەنلىكى، ھەقىقەتكە كەلگەندە كۆزى كور ئىكەنلىكى، ئىلگىرىكى يىللاردا بۇلارنىڭ سۇرىيەنى زىيارەت قىلىپ، بومبا يېغىپ تورغان سۇرىيەنىمۇ گۈل-گۈلىستانلىق دەپ تەسۋىرلەپ، بەشەر ئەسەد رېجىمىنى قوللىغانلىقىنى ئەسلەتكەن.
تاھا كىلىنچ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوسمانلى تارىخىدا مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاننى خۇپىيانە ۋە مۇستەقىل زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بىتچىت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئامىللارنىڭ ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئانالىزلىرى ئەركىن دۇنيانىڭ جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلار قاتارىدا پايدىلىنىلغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۆزلىرى نارازىلىقىنى بىلدۈرىۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ ئۇمۇمىي تۈرك ئاخباراتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. يازغۇچى تاھا كىلىنچ «نومۇسسىزلار» ناملىق مەزكۇر ماقالىسىدا، خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر قىسمى خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنسېرى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تورىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ماراكەش دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانى چېگرادا تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرىۋەتتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى (IRF Summit) نىڭ شىمالىي ئافرىقا تارماق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 20-ئىيۇل كاسابلانكا شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا، ماراكەش بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئايرۇدرۇمدا تۇتۇپ قېلىنىپ، 15 سائەت ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەگە ياندۇرىۋېتىلگەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزى ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلارنىڭ كاسابلانكادا بۇ ئەھۋالغا شاھىت بولغانلىقىنى، ماراكەش دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ دولقۇن ئەيسانى قايتۇرىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئۈنىمى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇم ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسانىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ماراكەش ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ۋە دۆلەت ئامانلىقى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن يازما ئۇقتۇرۇشتا، ئۇنىڭ ماراكەش تەۋەلىكىگە كىرىشىنى مەنئى قىلىش قارارى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى دولقۇن ئىساغا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) ئارقىلىق قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە، بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى 2018-يىلى بىكار قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ پاسسىپ تەسىرى دولقۇن ئىسانىڭ خەلقئارالىق سەپەرلىرىدە يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇ ئىلگىرىمۇ جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ئىتالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ، شۇنداقلا ب د ت يىغىنلىرىغا كىرىش جەريانىدا ئوخشاش توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەن.
27-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن دولقۇن ئەيسانى تۇتۇپ قېلىش ۋە ياندۇرۇۋېتىش ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىش؛ بۇ قارارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ياكى كۆرسەتمىسى ئاساسىدا چىقىرىلغان-چىقىرىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلاش؛ دولقۇن ئەيساغا ئائىت ۋاقتى ئۆتكەن ياكى سىياسىي مەقسەتتە تەييارلانغان كونا كىرىش چەكلىمىسى ئارخىپلىرىنى ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ماراكەش دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چەتئەللەردە خىتاينىڭ سىياسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى پائال قوغداشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ”ئۈزۈلمەس رىشتە - ئۇيغۇر مۇنبىرى“ ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 25-ئىيۇل ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىتىدە ”ئۈزۈلمەس رىشتە - ئۇيغۇر مۇنبىرى“ ماۋزۇلۇق ئىلىمي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. چەت ئەللەردە ھەرقايسى كەسەپلەردە بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ روناق تېپىشىنى پايدىلىق تەكلىپلەر بىلەن تەمنىلشى مەقسەت قىلىنغان بۇ يىغىن تولۇق بىر كۈن داۋاملاشتى.
يۈزدىن ئارتۇق قاتناشقۇچىنى جەلپ قىلغان بۇ يىغىن ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش، زامانىۋى پەن-تېخنىكا، كارخانىچىلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش، كېيىنكى ئەۋلادلارنى يېتەكلەش قاتارلىق تۆت بۆلەك بويىچە داۋاملاشتى؛ جەمئىي 15 نەپەر مۇتەخەسىسىس سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر، زامانىۋىي پەن-تېخنىكا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى، ئىقتىساد ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىىتىنى كۈچلەندۈرۈش، رەھبەرلىك، كىملىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بەردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى مەمەت ئىمىن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆز گىچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىغىندىكى ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىلىرىنىڭ زامانىۋىي تېخنىكا، كارخانىچىلىق، ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىش، ساغلاملىق قاتارلىق رېئال تېمىلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى كۈچلەندۈرسە، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن مۇشۇ تېمىدىكى 1-نۆۋەتلىك يىغىن بولۇپ، ئامېرىكا ئاكادېمىيەسى بۇ يىغىننى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى“غا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى
21-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە مائارىپ-مەدەنىيەت ئورگانلىرى بىرلىكتە جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ قانۇننى جىددىي بىكار قىلىشقا چاقىردى.
باياناتتا بۇ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ئادەتتىكى بىر مەمۇرىي باشقۇرۇش تەدبىرى ئەمەس، بەلكى قانۇن شەكلى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيەنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قورال ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن ھەمدە مەزكۇر قانۇن جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىر گەۋدە قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، كومپارتىيىگە ۋە «خىتايچە سوتسىيالىزم»غا سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، شۇنداقلا، جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادنى ۋەيران قىلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئائىرۋېتىش قاتارلىق خەتەرلىك سىياسەتلەرنىڭ جىددىي رەۋىشتە تۈزۈملەشتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ 63-ماددىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ماددىنىڭ پەقەت مۇھاجىرلارغا قارىتىلىپلا قالماي، بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىقا سېلىنغان ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
بىرلەشمە باياناتتا، مۇناسىۋەتلىك خەلقائارا تەشكىلاتلارنى خىتاينى بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا قىستاش، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ قانۇننى ئوچۇق-ئاشكار ئەيىبلەش، پارلامېنتلارنى بۇ قانۇننى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى سۆز بىلەنلا توختاپ قالماي، ئېنىق ۋە ئۆزئارا ماسلاشقان ئىنكاسلار ئارقىلىق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىلدى.
