يېقىندا گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك» ژۇرنىلى ۋە ئامېرىكىنىڭ «نىيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئاتاقلىق خەلقئارا ئاخباراتلىرى ئۆزىنى «شىنجاڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى» دەپ تونۇشتۇرغان جاڭ يابو ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر بەرمەكتە. جاڭ يابائو خەلقئارا ئاخباراتلارغا قىلغان سۆزىدە، ئىلگىرى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرى بەرگەن گۇۋاھلىقلاردىكى ئۇچۇر، پەرەز ۋە ئانالىزلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قاتار يېڭى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلگەن ئۇنىڭ خىزمەت كېنىشكىسىدە خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ نامى قەيت قىلىنغان. بىز خوتەن ناھىيەسىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، خانئېرىقتا ئىلگىرى جاڭ يابو ئىسىملىك بىر ساقچىنىڭ بولۇپ-بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. خوتەندىكى بىر ئەدلىيە پونكىتى خادىمى يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەپسىزلىكى ئىدارىسى ئىككى نەپەر سابىق ساقچىدىن ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇقتۇرۇشتا بۇلاردىن بىرىنىڭ تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ بولسا چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى قەيت قىلىنغان ۋە دۆلەتكە خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۈستىدىن ئىبرەت ئۇقتۇرۇشى چىققان ئىككى ساقچىدىن بىرىنىڭ غەيرەت ئىسىملىك بىرەيلەن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلمىدى. يەنە بىر ساقچى خادىمى بولسا، ئۈستىدە ئۇقتۇرۇش چىققان يەنە بىر ساقچىنىڭ ئىسمىنىڭ جاڭ يابو ئىكەنلىكى ۋە ئىلگىرى خانئېرىق ساقچىخانىسىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2014-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن جاڭ يابونىڭ ئاشكارىلىغانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ سابىق رەئىس شۆھرەت زاكىر دېگەندەك تاقالغان، يەنى «ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەن» ئەمەس، پەقەت كۆزگە كۆرۈنمەس شەكىلگە ئۆزگەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇ لاگېردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، بىر قىسمى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ ئېغىر نازارەتنىڭ قاتمۇقات داۋام قىلىپ، پۈتۈن رايوننىڭ ئۈستى ئوچۇق چوڭ بىر تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە بايانلىرىدا 2023-يىلىغىچە، ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچىلارنىڭ ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر ئادەم تۇتۇش ۋەزىپىسى بارلىقى، ئەگەر تۇتىدىغانغا ئادەم تاپالماي يەنى باھانە تاپالماي قالسا، ئۇ ساقچىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرىدىغانلىقىدەك يېڭى تەپسىلاتلارنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ تۇتۇشقا باھانە تېپىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ چېنىقىش پائالىيىتىنىمۇ كۆزىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خوتەندىكى ساقچى خادىملىرى جاڭ يابونىڭ خوتەندىكى مەزگىلىدە ئاكتىپ ياكى پاسسىپ خىزمەت قىلغانلىقى، 2014-يىلى خانئېرىقتا يۈز بەرگەن، 10 نەچچە كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بالاماس مەسچىتى ۋەقەسىدە رول ئېلىپ-ئالمىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
جاڭ يابو خەلقئارا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ دەسلەپتە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقى، كېيىن ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، لېكىن ھاكىمىيەتنىڭ زورلىشى بىلەن ۋەزىپىسىنى يەنە داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«نىيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» جاڭ يابو ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى قىممەتلىك دەپ باھالىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ سۈپەتلىشىگە سۇئال قويغان، يەنى دىكتاتور ھاكىمىيەتتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، كېيىن ھاكىمىيەتنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان ساقچىلارغا ئەخلاقىي جەھەتتىن قانداق باھا بېرىش مەسىلىسىنى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمىگە ھاۋالە قىلغان.
