قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى خەلقئارادا ھەر خىل باھاغا ئېرىشمەكتە

قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن ئوچۇق ‏- ئاشكارا ۋە ئادالەتلىك ئېلىپ بېرىلدى دەپ باھالانغان بىر پەيتتە، بىر قىسىم خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە مەزكۈر سايلامنىڭ قانۇنسىزلىقلاردىن مۇستەسنا بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئەقىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-10-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 ‏- ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 ‏- ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻝ.
AFP Photo

قىرغىزىستاندا 10 ‏- ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى، ھازىرقى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلاندى، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، "بۇ قېتىمقى سايلامدا پۇقرالار ئۆزلىرى خالىغان پارتىيىلەرگە بېسىمسىز ۋە بۇيرۇقىسىز ئاۋاز بەردى" دېدى.

ئوتۇنبايېۋانىڭ نەزىرىدە سايلام، ئوچۇق - ئاشكارا، دېموكراتىك ۋە ئەركىن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت، قىرغىزىستاننىڭ ئىلگىرىكى ساختا سايلام ئەنئەنىسىگە خاتىمە بەرگەن.

ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سايلام كۆزەتكۈچىلىرى، سايلام جەريانىغا ئىجابىي باھا بەرگەن بولۇپ، نورۋېگىيىلىك دېپۇتاد مارتىن، سايلامنىڭ ئەركىنلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە پىكىر بىلدۈرۈش ھوقۇقلىرىغا بويسۇنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە مۇنداق دېگەن: "بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار سايلاملارنى كۆزەتتىم، قىرغىزىستاننىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمىنى، خەلق ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادە قىلالىغان بىر سايلام بولدى دەپ قارايمەن."

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ، سايلامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىغا باھا بېرىپ، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلىدى ھەمدە قىرغىزىستاندىكى سايلام قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تارىخى پەيتتە، ھاكىمىيەتنى تىنچ ۋە دېموكراتىك شەكىلدە يېڭىلاش ئۈچۈن ھەسسە قوشقانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى، 500 گە يېقىن خەلقئارا كۆزەتكۈچى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان، گەرچە سايلام جەريانى مۇھىم شەخسلەر تەرىپىدىن يۇقىرىقىدەك ئىجابىي باھالارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تەنقىدلەرگە ھەم ئۇچرىغان.

سايلامدا پارلامېنتقا كىرەلمىگەن "قىرغىزىستان بىرلىك پارتىيىسى" ۋە باشقا بىر قانچە پارتىيىلەرنىڭ 1000 دىن ئارتۇق قوللىغۇچىسى 12 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى بېشكەك، ئوش، جالالئاباد قاتارلىق شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى قوزغاپ، سايلام بېلىتىنى قايتا ساناپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بېشكەك بىلەن ئوشتىكى قاتناش يوللىرىنى قامال قىلىۋالغان.

سايلامدا 84. 4 پىسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ، ناھايىتى ئاز نىسبەت بىلەن پارلامېنتقا كىرەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن "قىرغىزىستان بىرلىك پارتىيىسى" يەنە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ، بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رۇسىيە كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق پارلامېنتتىكى ئورنىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى شۇ سەۋەبلىك قەستەن مەزكۈر پارتىيىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى كۇئېرتۇفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلامدا يېڭىلگەن سىياسىي كۈچلەر، ھەرگىز مەغلۇبىيەتنى ئۇنداق ئاسان قوبۇل قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي نارازىلىقلار مەيدانغا كېلىدىكەن.

كۇئېرتۇف بۇ ھەقتە يەنە: "مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ قېتىمقى سايلام ھېچقانداق ياخشى بىر نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ، قىرغىزىستان يەنىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ھەمدە باشقا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ باش ئاغرىتىدىغان نۇقتىلىق مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ " دەيدۇ.

قىرغىزىستاننىڭ پارلامېنت سايلىمى، بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇتقان ئورنى مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالغان ئامېرىكىدىكى George Washington ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى پەرھاد بىلگىن ئەپەندى، قىرغىزىستان ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت