قىلىچدارئوغلى: بۇ يەر بىزنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋەتىنىمىز
2013.01.18
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز مىڭ يىل بۇرۇن بۇ تۇپراقلارنى تاشلاپ، ئانادولىيىگە يەنى بۈگۈنكى تۈركىيىگە كۆچۈپ كەتكەنىدۇق. سىلەر بولسا بۇ ۋەتەندە قېلىپ، مىللىتىڭلارنىڭ بايلىقىغا تۆھپە قوشۇپ، چوڭ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار، ھېلىھەم تۆھپە قوشۇۋاتىسىلەر. تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى مۇساپە 4300 كېلومېتىر كېلىدۇ. لېكىن ئىككى رايون ئارىسىدىكى خەلق ئورتاق تارىخ، ئورتاق كۈلتۈر ۋە ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە. بىز دەل مۇشۇ دوستلۇقنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە ھوزۇررۇڭلارغا قەدەم قويدۇق. تۈركىيىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ئېلىپ كەلدىم.»
ئانادولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان كەمال قىلىچدارئوغلى سىياسەتتىن قول ئۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەكلىپ قىلسا شەرەپ بىلەن كېلىپ دەرس سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە يەنە، سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگېستىر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان بىر تارماق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى ئۈرۈمچىدىكى مۇزىينى ئايلاندى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش مۇراسىمىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇرغان كەمال قىلىچدارئوغلى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بېكىتى بولغان «شىنجاڭ مۇزىيى» نى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش بىلەن خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
مۇزېي باشلىقلىرى كەمال قىلىچدارئوغلىنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. كەمال قىلىچدارئوغلى مۇزېينىڭ كىرىش زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇر رايونى مودېلىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مۇزېي خىزمەتچىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاچ مۇزېيدىكى ھەربىر ئاسارە ئەتىقىنى بىردىن - بىردىن كۆرۈپ چىقتى. كەمال قىلىچدارئوغلى ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇر تارىخىغا نىسبەتەن ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخىي بايلىقى بولغان بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مومىيانى كۆزدىن كەچۈردى.
مۇزېي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، قىلىچدار ئوغلى مۇزېينىڭ زىيارەت خاتىرىلەش دەپتىرىگە مۇنۇ ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قويدى:
«ئۆز تەكتىمنى ئۆز تارىخىمنى كۆردۈم. تۈرك، خىتاي، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقلىرىنى سالاملايمەن. كەمال قىلىچدارئوغلى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى»
بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىگە پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىدا قىغان سۆزى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئېنىستىتۈتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.