قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى پرېزىدېنت ئائىلىسىدىن نارازى بولدى

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت ئائىلىسىنىڭ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا. ئۇلار پرېزىدېنتنىڭ ئوغلى ماكسىم باقىيېف ئۈستىدىن نارازىلىق ئەيىبلەشلىرىنى تارقاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە قىرغىزىستاننىڭ " دېلو نۇمېر" گېزىتى ماقالە ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.