خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچى توشۇشۇش خىزمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە بىر قەدەر كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، "ئىقتىساد گېزىتى" دە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9 - مارت يەنە مەزكۇر ناھىيىدىن 243 نەپەر قىز خىتاينىڭ تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغان.
روشەنگۈل ھازىر كېسەل ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بۇرچىنى ئۆز زىممىسىدە ئېلىشقا مەجبۇر
پەيزىۋات ناھىيە تەۋەسىدىن 2008 - يىلىدا خىتاي شەھەرلىرىگە بېرىپ ئىشلەيدىغانلارنى تىزىملاش ۋە تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن پەيزىۋات ناھىيە يېڭى مەھەللە يېزىسى تەۋەسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى بۇ خىزمەتكە قارشى چىققۇچىلار "ئىدىيىسى قالاق كىشىلەر" دەپ قارايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
رادىئومىزغا كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا، روشەنگۈل ئوسمان ئىسىملىك بىر قىزمۇ بار بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، روشەنگۈلنىڭ دادىسى ئوسمان ياسىن خېلى يىللار بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئانىسى كېسەل، ئاكىسى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ، روشەنگۈل ھازىر ئۆيدە كېسەل ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بۇرچىنى ھەمدە ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆز زىممىسىدە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.
يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى روشەنگۈلنىڭ ئاكىسىنى قولغا ئالغان
روشەنگۈل ۋە ئائىلىسى ھازىر پەيزىۋات ناھىيىسى يېڭى مەھەللە يېزىسى 20 - كەنتىدە ياشايدىغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي شەھەرلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ مېڭىلىدىغان قىزلارنى تىزىملاش ئۈچۈن روشەنگۈل ئوسمانلارنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ، روشەنگۈل ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كېسەل ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئىشلەمچىلىككە بېرىشقا مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ خىتاي شەھەرلىرىگە بېرىشنى رەت قىلغان. لېكىن، ھۆكۈمەت خادىملىرى روشەنگۈلنىڭ چوقۇم بېرىشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۇنى مەجبۇرلىغاندا روشەنگۈلنىڭ ئاكىسى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ قارشىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن ، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى روشەنگۈلنىڭ ئاكىسىنى قولغا ئالغان.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، روشەنگۈل ئوسمان، ھازىر گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۆرەش ئاتاخاننىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىكەن.
ھالبۇكى بىز روشەنگۈل ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يېڭىمەھەللە يېزىسىدىكى مۇناسۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن تېلېفۇن ئالاقىسى قىلىشقا كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ ، يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق.
رۇشەنگۈللەر ئائىلىسىنىڭ ئۆزىگە قوشنا كەنتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر يېزا كادىرى ئۇ يېزىدا روشەنگۈل ئوسمان ئىسىملىك بىر قىز بارلىقىنى ، ئانىسىنىڭ راس كېسەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
كۆرەش ئاتاخان": بۇ بارلىق ئۇيغۇر ئائىلىسى ئەزاسىنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن"
ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە توختالغان كۈرەش ئاتاخان، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانداقتۇر ئۇيغۇر مىللىتىنى بېيىتىش سىياسىتى بولغان بولسا "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىزلارنى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى باي رايونلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولاتتى" دېدى.
كۈرەش ئاتاخان يەنە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئىلىدىن نۇرغۇن ياش قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغاندا ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ، جىددىيلىك ھېس قىلمىغانلىقىنى، بۇ كەلگۈلۈكنىڭ پەقەت بىر روشەنگۈل ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ، بەلكىم بارلىق ئۇيغۇر ئائىلىسى ئەزاسىنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ، شۇڭا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى چوقۇم بۇ ھەقتە بىر تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.