رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى نۇقتىلىق ھالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىيالمايۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك رايونغا چېگرىداش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭمۇ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى، رۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خوتەن ۋە ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا قىلغان پىكىر ۋە مۇلاھىزىلىرى ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيىدە چىقىدىغان چوڭ گېزىتلەردىن_ «سودا» گېزىتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئىبارەت بۇ بايلىقى مول زېمىننى باشقۇرالمايۋاتقانلىقى، 2009-يىلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن قوللانغان يېڭى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭمۇ مەغلۇپ بولغانلىقى بايان قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر نۇقتىلىق ھالدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن خىتايغا ئۆتىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىيە دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭمۇ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«سودا» گېزىتىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ پەقەت 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، رايونغا كەڭ كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق رايوندا ئېغىر دەرىجىدە مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلغانلىقى، يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ مانا مۇشۇ زىددىيەت سەۋەبىدىن پارتلاپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
رۇسىيىدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق» گېزىتىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، كۈرەشلىرىنىڭمۇ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى يېزىلغان. بۇ گېزىتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆپ قېتىملاپ ئىنقىلاب قىلغانلىقى، ئۆتكەن ئەسىردە ئىككى قېتىم دۆلەت قۇرۇش ئىمكانىغا ئىگە بولغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. رۇس تىلىدا چىقىدىغان «ئىسلام ئۇچۇر تورى»دا :رايوندىكى ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا سىياسىي ۋە دىنىي بېسىملىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ يېزىلغان.
مۇلاھىزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشتا، 2009-يىلدىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن رايوننىڭ ئىقتىسادىينى ياخشىلاش يەنە بىر تەرەپتىن، قارشى ئىدىيىدىكىلەرنى قوراللىق باستۇرۇش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن «خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، خىتاينىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنىڭ ئاقمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن.
موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتىكى ۋەقەلەر رايوندا ئىككى خىل تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشقۇرۇش تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. يەنە بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى خۇرشېۋ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى قوغداشقا قادىر بولالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ رايوندا تىنچلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت تەبىئىي گاز يوللىرىنى خىتاينىڭ ئۆز كونترولىغا ئېلىۋالغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن خىتاي كونترولىنىڭ ئەمدى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيە دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنىڭمۇ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىككى يىلنىڭ ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا قويغان.
ئامېرىكىنىڭ شەرق-غەرب تەتقىقات ئىنستىتۇتى، مەزكۇر ئېنېرگىيە تۇرۇبا لىنىيىلەرنىڭ مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر ئېنېرگىيە يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن.
0:00 / 0:00