' قوزغالغان ئۇيغۇرلار '
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2008.11.27
2008.11.27

AFP Photo
مەزكۇر فىلىم 8 - نويابىر كۈنى قايتا كۆرسىتىلدى. 17 - نويابىر كۈنى بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرقى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى يەنە بىر قېتىم قويۇلدى.
ئەرىك داربرﯤ، جاكقۇئەس گارنىئەر ۋە ۋىلادىمىر بەركھمان تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇ فىلىمنىڭ ئىلگىرى ئىشلەنگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت فىلىملارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكى تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك جەلىپ قىلغان ۋە بۇ فىلىمنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۈچ قېتىم تەكرار كۆرسىتىلىشكە سەۋەبچى بولغان ئاساسى ئامىل بولغان.
ھاياتلىق ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش
"قوزغالغان ئۇيغۇرلار" ناملىق بۇ فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ھەقلىرىنى قوغداش، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوزغالغانلىقى، ھەر يەردە، ھەر خىل شەكىلدە كۈرەشكە ئاتالغانلىقى مۇھىم تېما قىلىنغان.قەپەزدىكى قۇش
بۇ فىلىمنى قايتا - قايتا كۆرگەن گېرمان زىيالىيسى ۋىيولېتتى خانىم مۇنداق دېدى: "بىز گېرمانلارغا نىسىپ بولغان ئەركىنلىكنىڭ ھىچ بىرى ئۇيغۇرلاردا يوقكەن. ئۇيغۇرلار گويا قەپەزگە بەنت قىلىنغان قۇشقا ئوخشاپ قاپتۇ. ئىنسان ئىچكى دۇنياسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىز كەلگەندە، ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ فىلىمدىن ھاسىل قىلغان چۈشەنچەم شۇكى، خىتايلار 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەنمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاپ قويۇپتۇ. مەن بۇ خىلدىكى قارشىلىقنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمەن ..."بېيجىڭنى ساراسىمىگە سالغان ۋەقە
"4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى" فىلىمغا كىرىش سۆز قىلىنىپ، بۇ ۋەقەدە 30دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرى ساقچىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەم يارىلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئولىمپىك ھارپىسىدىكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.خىتاي زۇلمىنىڭ تەسۋىرلىرى
ئەلۋەتتىكى، مەزكۇر فىلىمدا، ئۇيغۇرىستانغا سەلدەك ئېقىپ چىقىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى، تېخنىكلىرى، سودىگەرلىرى، بايلىق قېدىرغۇچىلىرى قاتارلىقلار سەۋەپلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئاز سانلىق ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاققۇنلارغا ئىشلەمچى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى، ئەينى زاماندا يىپەك يولىنىڭ ئاۋات شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەرنى خىتايلار بېسىپ كېتىپ، بۇ شەھەرنىڭ خارابلىققا يۈزلەنگەنلىكى، مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىپ، ئىماملارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان جارچىلارغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۇيغۇرىستاندىكى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ تىبەتتىكىدىن قانچە باراۋەر يۇقىرىلىقى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان.سەۋرى - تاقەتنىڭ چېكى بولىدۇ
لېكىن باش تېما قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەر بولسا، بۇ زۇلۇملارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدى چىدىغۇدەك سەۋرى - تاقىتى قالمىغانلىقى، سەۋرى - تاقەتنىڭمۇ چېكى بولىدىغانلىقى، غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مانا ئەمدى ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، زورلۇققا زورلۇق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش يولىغا ئاتلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ قارشىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، روھلاندۇرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بولغان.زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق بولىدۇ
شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، يازغۇچى ئابدۇرېشىت ھاجى كىرىمى ئەپەندى خىتاينىڭ بۈگۈنكى دەھشەتلىك زۇلۇملىرىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرىۋاتقان ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ھەر خىل مۇجادىلىلەرنى قورال قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ دەرىجىدىكى ئېغىر زۇلۇملىرىغا قارىتا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسىتىۋاتقان رادىكال قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تامامەن نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى."4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى"
فىلىمدا كۆرسىتىلىشىچە، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر "4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى" يۈز بېرىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە مۇخبىر ئەمەس، ساياھەتچى دەپ تونۇشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەربىي ھالەت تېخى بىكار قىلىنمىغان بۇ رايوندا ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقتىن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى خىتايلار تەرىپىدىن تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بەزى ئۇيغۇرلار "شاتلىق مېھمانخانىسى" ئالدىدا يۈز بەرگەن ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى مەغرۇرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇلارنى نەق مەيدانغا باشلاپ بېرىپ زىيارەت قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن؛ فىلىمدە چىرايى توسۇۋېتىلگەن بىر تاكسىچى ئۇيغۇر ئۇلارنى كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان جەسەتلەر دۆۋىسى
فىلىمغا يەنە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى "شاتلىق مېھمانخانىسى"دا تۇرۇپ، نەق مەيدان كۆرۈنىشىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان بىر ياپونلۇق ساياھەتچى كىشى تەمىنلىگەن رەسىملەر كىرگۈزۈلگەن. سۇنايلىنىپ ياتقان 30 دىن ئارتۇق خىتاينىڭ قانغا مىلەنگەن كۆرۈنىشى ئېنىق تارتىۋېلىنغان.ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى ۋەقەلەر
"قوزغالغان ئۇيغۇرلار" ناملىق بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر يەنە، بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن "10 - ئاۋغۇست كۇچار ۋەقەسى"، "12 - ئاۋغۇست يامانيار ۋەقەسى" ۋە "27 - ئاۋغۇست قىزىلبۇيا ۋەقەسى" توغرىلىقمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان."ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش"
بۇ ۋەقەلەر ۋە ئولىمپىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ جايلاردىكى كۆرۈنۈشلىرىنى، شەھەر، ناھىيىلەردىن يېزا - قىشلاقلارغىچە داۋام قىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىي جەريانلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق سۈرەتكە ئېلىۋالغان. بۇ فىلىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېقىندىن بۇيان ئىشلەنگەن ئەڭ مۇھىم بىر ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە بولغان.' قوزغالغان ئۇيغۇرلار ' فىلىمىنىڭ سىن - ئالغۇسى