شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق قىرغىنچىلىقىغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇش، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سۈكۈتتە تۇرماسلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياۋرۇپا كومىتېتىدىكى مەسئۇل خادىملار، رابىيە قادىر خانىم ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ تەكىتلىگەن مەسىلىلەرنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۆز - ئارا مۇزاكىرلىشىپ، بۇ ھەقتە ئورتاق بىر پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىنىڭ رەئىسى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ۋە يەنە خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن زۇلۇملارنى ياخشى تەكشۈرۈشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرمىچىلىق سىياسىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات تەييارلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۈچ كۈندىن بۇيان ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن چەكسىز مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق قىرغىنچىلىقىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىغا چوقۇم تارتىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە زىيارەت قىلغانلىقىنى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ جۈمە كۈنى، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر قارار ماقۇللىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتقان بۇ پەيتلەردە، خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دىئالوگ تەلىپىنى رەت قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، "بۇنىڭغا ھېچقانداق دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق" دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلىنى، كىمنىڭ سالاھىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.