رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە 'ئىنسان ھەقلىرى ئالىي' يىغىنىدا سۆز قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شىۋىتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە ئېچىلغان "ئىنسان ھەقلىرى ئالىي يىغىنى"دا سۆز قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.03.08
Rabiye-xanim-Yawropa-parlamentida-sozde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺮﯗﻳﯘﺳﺴﯧﻠﺴﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻐﺎ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئۇ يىغىندا قىلغان  سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان. ئۇ نۇتۇقىدا نۇقتىلىق ھالدا 5-ئىيۇل  ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان. شىۋىتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە  ئېچىلىۋاتقان  "ئىنسان ھەقلىرى ئالىي  يىغىنى"غا 55  ئەتراپىدا دۆلەتتىن ئىنسان ھەقلىرى  تەشكىلات مەسۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشقاندىن باشقا 800 ئەتراپىدا مېھمان قاتناشقان.  

رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوۋ  زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،  پائالىيەتلىرى ۋە بۇ يىغىن  ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.