رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار 'قەدىر كېچىسى' نى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

قەدىر كېچىسى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدىن بىر كېچىدۇر. بۇ كېچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى قۇرئان كەرىم دۇنياغا نازىل بولغان پەزىلەتلىك كېچىدۇر. قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئارتۇق ئەۋزەللىككە ئىگە بىر كېچە. مۇسۇلمانلار بۇ كېچىدە مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.09.16

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھتائالا بۇ كېچىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە يەنى قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق، شەبى قەدىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدىر يەنى قەدىر كېچىسى شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ‏- ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر." (قۇرئان كەرىم 97 ‏- سۈرە ).

2009 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ قەدىر كېچىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. بۇ كېچىدە ئۇيغۇرلار قۇرئان ئوقۇش، جامائەتلىشىپ ناماز ئۆتەش، دۇئا تىلاۋەت قىلىش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش دېگەنگە ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولدى. ۋەتەندە خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان زۇلۇم چېكىۋاتقان شېھىد بولۇپ كەتكەنلەر ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركزىدە ئۆتكۈزۈلگەن قەدىر كېچىسىدە جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم ۋە ئابدۇلكەرىم كۇچار قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ قەدىر كېچىسى ۋە رامزان ئېيىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، ۋەتەندە مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەردە قىيىن قىستاقتا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاللاھنىڭ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چوڭ نېمەتلەرنى ئىنئام قىلغانلىقىنى بۇ نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بىرى بولسا ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ بېشىغا كەلگەن غەم ‏- ئەندىشىلەردىن خالى ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن غەپلەتتىن ئويغىنىپ ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ ئۇلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.