0:00 / 0:00
ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى 26 پارچە رەسىمنى بۇ كۆرگەزمىگە قويغان بولۇپ، بۇ رەسىملەردە تاشلارغا ئويۇلغان سىمۋوللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى 1954 - يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1974 - يىلى ئالمائاتا ئاباي پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. 1995 - يىلى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن "ئاسىيا ئارت" كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇ 1993 - يىلى ئەنقەرەدە، 1996 - يىلى ئىتالىيىدە، 2008 - يىلى ۋاشىنگتون بىلەن ئۈرۈمچىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان.
بۇ كۆرگەزمە 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى زىيارىتىمزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.