ئۇيغۇر رەسسامى تەلەت مىررەھىموفنىڭ كۆرگەزمىسى بىشكەكتە ئېچىلدى

تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسامى تەلەت مىررەھىموفنىڭ يېڭىدىن ئىجاد قىلغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

رەسىم كۆرگەزمىسىگە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ۋە جامائەت ئەربابلىرى، ئېلىم، سەنئەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر ھەمدە بىر قىسىم چەتئەل ئەلچىخانا خادىملىرى قاتناشقان.

رەسسام تەلەت مىررەھىموف ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ كېيىن ئاتا - ئانىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ، قىرغىزىستاندا تۇرۇپ قالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.