ئەركىن ئاسىيا راديوسىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ئەنقەرەدە كۇرسقا قاتناشماقتا

ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىنى يىغىپ، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە جورنالىستلىق كۇرسى ئاچتى. 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ كۇرستا جورنالىستلىقنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرى، پروگرامما يېزىش ئۈچۈن قانداق ئىزدىنىش،، زىيارەت قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە دەرس ئۆتۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم تۈركىيىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى يىغىپ تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە جۇرنالىستلىق كۇرسى ئاچتى.

ئەنقەرەدە چاقىرىلغان جۇرنالىستلىق كۇرسىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن فرانك ستارىيو ئەپەندىى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى در. دولقۇن قەمبەرى ئەپەندى دەرس بەرمەكتە.

6 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ كۇرستا جۇرنالىستلىقنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرى، پروگرامما تەييارلاش ئۈچۈن قانداق ئىزدىنىش، قانداق يېزىش، زىيارەت قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈلمەكتە شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھازىرلىغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى "، "كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى"، "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىنىش بەلگىلىرى" قاتارلىق ماتېرىياللار تارقىتىلىپ مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

مەزكۇر كۇرسقا، ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرى ئابدۇللا، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرى تۇرسۇن ئىسلام، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىر ئۆمەرجان، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى يالقۇن، ئىستانبۇلدىكى مۇخبىرى ئارسلان تاش ۋە ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى زۆھرە قاتارلىقلار قاتناشماقتا.

مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ھالدا بۇ كۇرسنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى، جۇرنالىستلىق ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار، يەنە بۇ كۇرسنىڭ ئەركىن ئاسىيا راديوسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆز - ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزارا تونۇشىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.