بىر ھەپتە داۋام قىلغان بۇ كۇرستا ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا ئامېرىكا دۆلەت رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن فرانك ستارىيو بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى در. دولقۇن قامبەرى ئەپەندىلەر دەرس بەردى.
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى دەرستە بىر ھەپتىدە ئۆگەنگەن دەرىسلەر تەكرارلىنىپ ئۆتۈلدى. چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا كۇرس پۈتتۈرۈش دىپلومىسى بېرىلدى. بۇ ژۇرنالىستلىق كۇرس ۋە ژۇرنالىستلىق ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن پروفېسسور در. فرانك ستارىيو ئەپەندى ۋە مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور در. فرانك ستارىيو ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى كەتكەنلىكىنى، مۇخبىرلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ژۇرنالىستلىق پرىنسىپلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇرۇنلا تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.