سائادەت پارتىيىسى ئاياللار بۆلۈمى خىتاي ۋە كامبۇدژاغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.12.31
2009.12.31
RFA Photo / Arslan
2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ سۇلتان مەيدانىدا خىتاي ۋە كامبۇدژاغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا سائادەت پارتىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللاردىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئاياللار ئىشتىراك قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كۆپلىگەن مۇخبىرلارمۇ كەلگەن بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە سائادەت پارتىيىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ناگېخانگۇل ئەسلىتۈرك سۆز قىلدى.
سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ناگېخانگۇل ئەسلىتۈرك سۆزىدە خىتاي ۋە كامبۇدژانى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: " ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكەن 7 - ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن كامبۇدژاغا قاچقان 21 نەپەر ئۇيغۇر تۈركى بېيجىڭنىڭ بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە خىتايغا قايتۇرۇلدى. كامبۇدژا 1951 - يىلى خەلقئارا مۇساپىرلارنى قوغداش كېلىشىمنامىگە ئىمزا قىلغان جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، كامبۇدژانىڭ پايتەختى پھنوم پېنىھ دىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ئىچىدىن چىقاردى. خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسىنىڭ كامبۇدژانى زىيارەت قىلىشى بىلەن ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇلارنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىگە ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ قانۇنسىز ئىش ئەمەلىيلەشتۇرۇلدى. كامبۇدژاغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان خىتاي بۇ دۆلەتنى 850 مىليون دوللار مىقدارىدىكى 14 تۈرلۈك كېلىشىمگە ئىمزا قىلىش بىلەن مۇكاپاتلىدى. كاپىتالىست دۇنيا سېستىمىدا خەلقئارا قانۇن ھەققىدە دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىمزا قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنماستىن قەغەز ئۈستىدىلا قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز."
ناگېخانگۇل ئەسلىتۈرك ب د ت ۋە خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ بۇ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە، دىن، ئىرق، سىياسىي چۈشەنچە ۋە جىنسىيەت ئايرىماستىن تەرەپسىز بىر شەكىلدە، سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان مۇساپىرلارغا ۋە باشقا ئىنسانلارغا ئېھتىياج تۇيۇلغاندا، قوغداش ۋە ياردەم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىگىلىنىشىچە ،خىتايدا ھەر يىلى 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. دۇنيادىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ يۈزدە 87% پىرسەنتى خىتايدا ئىشلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز سائادەت پارتىيىسى ئاياللار بۆلۈمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيىدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى بۇ ئىشقا ئارىلىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز، ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە مىللىتمىزنى بۇ مەسىلىگە سەزگۈرلۈك بىلەن قاراشقا چاقىرىق قىلىمىز. ئۇيغۇرلارنى دەلىل - ئىسپاتسىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان خىتاي دۆلىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەجبۇرىي چىقارغان كامبۇدژانى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە بۇ زۇلۇمنىڭ توختىشىنى تەلەپ قىلىمىز."
بىز يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.