سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل: ئاقسۇدا ئۆيلەر چېقىلماقتا، ئۆي ئىگىلىرى تۇتۇلماقتا، ئۆي خەتلىرى بۇلانماقتا

بۇنىڭدىن 5 يىل ئىگىلىرى، ئاقسۇدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان، سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل، بۈگۈن يەنە رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل يازدا ئاقسۇ قاماقخانىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى پاش قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاقسۇدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل. 2012-يىلى يانۋار، بېيجىڭ.
ئاقسۇدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل. 2012-يىلى يانۋار، بېيجىڭ.
RFA/Shohret Hoshur

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي مەھەللىلەرنى بۇزۇپ چاققان. ئۆي ئىگىلىرى قارشىلىق كۆرسەتسە قاماققا سولىغان. دائىرىلەر يەنە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سوتقا ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆي خەتلىرىنى بۇلاپ ئېلىپ كېتىپ ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋەتكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت