توقسۇندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار يەنىمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىدا

توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ناھىيىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 25 - نويابىر بىر تۇتاش سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ شتاتىنى قىسقارتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ناھىيىدىكى مائارىپ ساھەسىدە زور غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئايدا توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن توقسۇندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ناھىيىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 25 - نويابىر بىر تۇتاش سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ شتاتىنى قىسقارتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ناھىيىدىكى مائارىپ ساھەسىدە زور غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ئۇنداقتا، توقسۇن مائارىپ ساھەسىدىكى ئەندىشە ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر شتات قىسقارتىش پىلانى ئىشقا ئاشتىمۇ ‏يوق ؟ توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىنكاسلىرى قانداق نەتىجە پەيدا قىلدى؟

توقسۇن مائارىپ تور بېكىتى توختىتىپ قويۇلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توقسۇندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى شتاتتىن بوشاتماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە بۇنىڭغا قارىتا توقسۇندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى، ئىستانسىمىزنىڭ -10 نويابىردىكى ئاڭلىتىشىدا ۋە باشقا ئاگېنتلىقلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەر بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئاراغا ئاخبارات ئېلان قىلغان.
مەزكۇر خەۋەر دەلىللەنگەندىن بۇيان داۋاملىق تۈردە توقسۇندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئېگىلىشكە تىرىشىپ كەلمەكتىمىز.

بىز ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىغا ئىمزالىق نارازىلىق يەتكۈزۈشى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيە ئىمتىھانى بېرىشكە تىزىملاتماي قارشىلىق كۆرسىتىشى شۇنداقلا چەتئەل ئاخباراتلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئاشكارىلىنىشى قاتارلىق بېسىملار تۈپەيلى، خىتاي دائىرىلىرى توقسۇندا 518 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى قىسقارتىش پىلانىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچكەن. شۇنداقلا -25 نويابىر بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالماقچى بولغان سەۋىيە ئىمتىھانىنىمۇ بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

توقسۇن ناھىيىسىدە ئىسمىنى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتىن ئېھتىيات قىلغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا مائارىپ ئىسلاھاتىغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلىشىشقا ماسلىشىش ھەققىدە سىياسىي تەربىيە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنچە بىكار قىلىنغانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە كېيىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا يەنە، ناھىيە مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇچۇر باشقۇرۇش بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ،دائىرىلەر دېكابىردىن باشلاپ ناھىيىلىك مائارىپ تور بېكىتىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ تور بېكىتى ھەقىقەتەن تاقىلىپ قالغان بولۇپ، دائىرىلەر مەزكۇر تور بېكەتنى تاقاپ قويۇش سەۋەبى ھەققىدىمۇ ئىزاھات بەرمىگەن.

ئەمما، توقسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورى ۋە ناھىيىلىك پارتىيە ئىستىلى تورى قاتارلىق تور بەتلەردە، توقسۇن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە يېقىندىن بۇيان بىر قەدەر جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاگاھلاندۇرۇلدى

ناھىيىلىك پارتىيە ئىستىلى تورىنىڭ -3 دېكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-ئاينىڭ -27 كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ناھىيىدىكى، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ باشقۇرغۇچى، پارتكوم سېكرېتارى،مۇدىرلىرى بولۇپ جەمئىي 89 كىشىنى ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپىدە ئىككى كۈنلۈك تەربىيىلەش كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، دائىرىلەر بۇ سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشقۇچىلارغا " پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە پارتكوم سېكرېتارلىرىدا پاسسىپ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەر كۆرۈلدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدىمۇ سىياسىي كۈرەش مەۋجۇت، بۇ مەسىلىلەرنى يېڭىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججەتلىرىنى جىددىي سىياسىي ۋەزىپە ۋە بۇرچ دەپ بىلىپ قەتئىي ئىجرا قىلىش، ۋە بۇنىڭ توسالغۇسىز، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەر بىر مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

توقسۇن ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپىدە مەكتەپ مۇدىرلىرىغا ئېچىلغان كۇرسقا قاتناشقان مەلۇم يېزىلىق مەكتەپنىڭ بىر ئۇيغۇر كادىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شتاتىنى قىسقارتىش پىلانىنى ئامال بار سىلىقلاشتۇرۇپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.

ئوقۇتقۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇلدى

توقسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ -29 نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، -24 نويابىر كۈنى توقسۇن ناھىيىسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە، رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلىشىش ھەققىدە قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ناھىيە پارتكوم سېكرېتارى دېڭ جيەنجۇڭ " ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىقابەتلىشىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئوقۇتقۇچىلار خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ چوقۇم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئادىل ئېلىپ بېرىلىدۇ، شتاتتىن قالغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ " دەپ ۋەدىلەرنى بەرگەن.

ئەمما، ناھىيىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ ئارىدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ ئىدارىسى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شتات قىسقارتىشىغا ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىككىدىن كادىر ئەۋەتىپ، سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ھەققىدە سىياسىي خىزمەت ئىشلىگەن. رادىئومىز قاتارلىق چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا بولسا بىر جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ، مائارىپ سىياسىتى ۋە بۇ ھەقتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئاخبارات ئورگىنىغا ئۇچۇر بەرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتقانلىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىق پىكرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن 30 يىللىق مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىغا قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلدى.

گەرچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توقسۇندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى " رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلىشىش " دېگەن نام بىلەن شتاتتىن قىسقارتىش پىلانى قارشىلىق ۋە نارازىلىقلار كۈچى بىلەن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان بولسىمۇ، ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىز ۋە ئىنكاسلاردىن دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ناھىيىدە 518 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ شتاتىنى قىسقارتىش پىلانىدىن يەنىلا ۋاز كەچمىگەنلىكى ئىپادىلەنمەكتە. شۇنداقلا نۆۋەتتە توقسۇندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قىسقارتىلىش ئەندىشىسىدىن باشقا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە بېسىمى ئاستىدا تۇرماقتا.