ئىستانبۇلدا ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش يىغىنى چاقىرىلدى

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-03-30
Share
awustralyede-paaliyet-305.jpg سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيەتلىرى. 2011-يىلى مارت.
RFA/Erkin Tarim

3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى دېموكراتىيە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيىگە قايتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇدىرى ئىلغار ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى رەئىسى تەبەت يۈجەتۈرك ، ئارسلان ئالىپتېكىن ھەم پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

بىز ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان بۇ يىغىن ۋە ئاۋسترالىيە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت