ئۇيغۇر شائىرى جامالىددىن قاسىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلەندى

جامالىددىن قاسىم قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. يېقىندا قىرغىزىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى بېشكەك شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جامالىددىن قاسىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن جامالىددىن قاسىم، 1934 ‏- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە دارىلمۇئالىمىندىكى ھاياتىنى غۇلجىدا ئۆتكۈزگەن، ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە 1991 ‏- يىلى قۇرۇلغان قىرغىزىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ جامالىددىن قاسىمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.