شېكەركۆل يېزىسى يەر تەۋرەشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىدى

8-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسى بىلەن ئاتۇش شەھىرى تۇتىشىدىغان رايوننى مەركەز قىلىپ 5.8 بال يەر تەۋرىدى.

0:00 / 0:00

پەيزىۋات ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ شېكەر كۆلى يېزىسىغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈنگەنلىكى مەلۇم بولدى.

قەشقەر ۋىلايىتى مەمۇرىيەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسى بىلەن ئاتۇش شەھىرىنىڭ چېگرىلىنىدىغان دائىرىدە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش يەرلىك ۋاقتى بويىچە پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 8 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار، مارالبېشى ۋە ئەتراپتىكى خوتەن ھەم ئاتۇشلاردىمۇ كۈچلۈك تەسىرى بولغان.

قەشقەر تورىدا مەزكۇر ئاپەت ھەققىدە تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش پەيزىۋات ناھىيىسىدە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرگەن بولۇپ، 21 ئادەم يارىلانغان، تۆت كىشى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەن. مەزكۇر خەۋەردە پەيزىۋات ناھىيىسىدە 30 ئەتراپىدا ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۆي ئۆرۈلۈش ۋە يارىلىنىشلارنىڭ قايسى يېزىلاردا يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئاپەتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئەمما يەر تەۋرەشتىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پەيزىۋاتقا 140 دانە كەپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە يەنە قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ 100 ساقچى ۋە 100 ھەربىيدىن تەشكىللەنگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئەۋەتكەنلىكىگە ئوخشاش خەۋەرلەردىن، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئاممىغا خېلى ئېغىر زىيان-زەخمەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.

بىز يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش مەقسىتىدە پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي كادىر ئاپەت يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ رەت قىلىپ «بۇ دېگەن ئىغۋا» دېدى.

بىز يەنە بۇ خىتاي كادىرغا يەر تەۋرەشكە ئائىت خەۋەرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تورىدىن تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدىلا، ئۇ 8.5 بال يەر تەۋرىدى، باشقا ھېچقانداق ئاپەت ياكى چاتاق يوق، ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز يەنە پەيزىۋات ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. مەخسۇس ئاپەت توغرىلىق يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ يوليورۇقلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئۇمۇ ئاپەتنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.

پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ شېكەركۆل يېزىسىدا ھەتتا يەر يېرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ خەلقنىڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.

پەيزىۋات ناھىيىسى شېكەركۆل يېزىسىدىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان بىر سېسترا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېزىدا ساق ئۆيلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى ھەتتا دوختۇرخانىنىڭمۇ بىر قىسىم جايلىرى ئۆرۈلۈپ ۋە دەز كەتكەچكە يارىدارلارنىمۇ باشقا ياققا يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەيزىۋات ناھىيىسى ۋە ئاتۇشنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن مۆلدۈر ياققان. گەرچە 5.8 بال يەر تەۋرەش ئادەتتە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرەلمىسىمۇ، ئەمما كېسەكلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. 2003-يىلى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە 6.9ئەتراپىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاممىسى ئۆي-ماكانسىز قالغان ئىدى.ئەمما خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىملىق ئاپەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھازىرغا قەدەر ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە.