«قىزىللارنىڭ شىنجاڭدىكى مەغلۇبىيىتى»: شېڭ شىسەينىڭ ئەسلىمىسىدىكى راست-يالغانلار

1950-يىللاردا جاللات شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 12 يىلغا سوزۇلغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ھەققىدە تەيۋەندە تۇرۇپ يازغان ئەسلىمىسى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى بىلەن تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان گومىنداڭچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغايدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-01-16
Share
péchkimu-merkizi-halqimu-305.jpg ئامېرىكىلىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئاللېن ۋايتىڭ شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلىقتا تۈزۈپ چىققان «شىنجاڭ: پېچكىمۇ ياكى مەركىزى ھالقىمۇ؟» ناملىق كىتاب. 1958-يىلى.
RFA/Qutlan

تەيۋەندىكى كۆپ قىسىم نوپۇزلۇق شەخسلەر شېڭ شىسەينىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلارنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ كىتابنى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر شېڭ شىسەينىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ.

شۇ مەزگىللەردە ئامېرىكىلىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئاللېن ۋايتىڭ شېڭ شىسەينىڭ بۇ ئەسلىمىسىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا «قىزىللارنىڭ شىنجاڭدىكى مەغلۇبىيىتى» دەپ ماۋزۇ قويىدۇ. 1958-يىلى ۋايتىڭ شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلىقتا «شىنجاڭ: پېچكىمۇ ياكى مەركىزى ھالقىمۇ؟» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ ئامېرىكىنىڭ مىشىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرىدۇ. بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمى ۋايتىڭنىڭ ئاپتورلۇقىدىكى «سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ 1933-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان شىنجاڭ ئىستراتېگىيىسى» ناملىق ئەسەردىن، ئىككىنچى قىسمى شېڭ شىسەينىڭ ئاپتورلۇقىدىكى «قىزىللارنىڭ شىنجاڭدىكى مەغلۇبىيىتى» ناملىق ئەسلىمىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

بىز جاللات شېڭ شىسەينىڭ مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «قىزىللارنىڭ شىنجاڭدىكى مەغلۇبىيىتى» ناملىق ئەسلىمىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شېڭ شىسەينىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن پەۋقۇلئاددە يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قىلىش ئۈچۈن ستالىنغا تەكلىپ بەرگەنلىكىدەك «گۇناھ» لىرىنى يوشۇرۇش مۇددىئاسى بىلەن يازغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن ئەكرەم يەنە شېڭ شىسەينىڭ ئەسلىمىسىنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى «شىنجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل بىر ماكان، ئەگەردە مەن بىر سەنئەتكار ياكى سېنارىيە يازغۇچىسى بولغان بولسام بۇ ئۆلكە ھەققىدە يۈزلىگەن يېتۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۇنىڭ مىسلىسىز گۈزەللىكىنى دۇنيادىكى مىليونلىغان تاماشىبىنلارغا ئاڭلاتقان بولاتتى» دېگەن بايانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوينىغان رەزىل ئويۇنلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بايانلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئالدىماقچى بولغان. مەلۇمكى، شېڭ شىسەينىڭ ھاياتىدىكى ھوقۇقى ئەڭ كۈچلۈك، تەسىرى ئەڭ زور بولغان مەزگىللەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مۇستەبىت ھۆكۈمران بولغان يىللىرى ئىدى. تەيۋەنگە بارغاندىن كېيىن بۇنداق ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولدى، ئاخىرقى ئۆمرىنى يوشۇرۇن ھالدا ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئېھتىمال ئۇ بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى ئەسلەپ مۇشۇنداق بايانلار بىلەن ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بەرگەن بولسا كېرەك.»

ئەركىن ئەكرەم شېڭ شىسەي ئەسلىمىسىدە كۆرسىتىلگەن 1933-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە قاماققا ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەر مىللەت مەھبۇسلىرىنىڭ سانىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت شېڭ شىسەينىڭ باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن توقۇپ چىقارغان ساختا مەلۇماتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە شېڭ شىسەينىڭ ئەسلىمىسىنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىقرارنامىلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەقەت ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا تايىنىپلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاخىرىدا ئۇ شېڭ شىسەينىڭ ئەسلىمىسىدىكى بىر قىسىم تارىخىي يىلنامىلەر ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى بايانلارنىڭ تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بايانلىرىنىڭ ساختىلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت