بۇ كىتابتا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ كىتاب، كىرىش سۆز، مۇقەددىمە ۋە ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، قىسقىچە تارىخى، ئۇ يەردە ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ مىللىي كېلىپ چىقىشى، نوپۇسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەبىئىي بايلىقلار، نېفىت ۋە خام ماددىلار ھەققىدە توختالغان.
كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپ تېما قويۇلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈم ئاساسلىقى كىشىلىك ھوقۇق نەزىرىيىسى، ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاش ھوقۇقىغا ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلەر، ئىنساننىڭ تەن جازاسىدىن قوغدىنىش ھوقۇقى، ئىشكەنجىنىڭ چەكلىنىشى، باراۋەرلىك ھوقۇقى، ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردە مەۋجۇتلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى، ئىجتىمائىي ئەركىنلىك، سىياسىي ئەركىنلىك، ئۇيغۇر دىيارىدا سىياسىي ئەركىنلىككە ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلەر، ئېتىقاد ئەركىنلىككە ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلەر، يىغىن ئېچىش ۋە نامايىش قىلىشقا ئالاقىدار ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىك. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كىشىلىك ھوقۇق دېگەن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىگە، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈم ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، خىتايدا مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ھوقۇقلىرى، ئاپتونومىيە ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى، مۇھىت ھوقۇقى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى دېگەن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنسان ھەقلىرى دېگەن كىتابنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى خىتاي ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار ئىمزا قىلىشقان كېلىشىملەر، خىتاي ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە خىتاينىڭ ۋەزىيىتى، خەلقئارا جامائەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بېسىم قىلىشى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
294 بەتلىك بۇ كىتابقا تۈركىيىنىڭ سابىق مىنىستىرى پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان بېغىشلىما يازغان بولۇپ، ئۇ بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن:
"بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ تىراگىدىيىلىك كۈنلىرىدىن بىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە، 17 - ئەسىردىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ئىشغالىيىتى، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن 1950 - يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىش، ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. 2000 - يىلى ئوتتۇرىغا چىققان تېررورلۇققا قارشى خەلقئارالىق ئۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پۇرسەت بىلگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا چىققان خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە ھاكىمىيەتنى تەنقىد قىلغان پۈتكۈل پائالىيەتلەرنى تېررورلۇققا ئوخشاتماقتا ۋە شۇنىڭ بىلەن خالىغان باستۇرۇشلارنى تەپ تارتماستىن ئىجرا قىلماقتا ھەمدە تاشقى دۇنيانىڭ قارشىلىقىدىن خالى ھالدا ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئىشلىمەكتە."
بېغىشلىمىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان، 21 - ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئوخشاشلا كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار ھالىغا كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بۇ نۇقتىلار بارغانسېرى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى.
كىتابتا خىتاي بىلەن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمنامىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قۇرۇلدى ۋە بۇ كومىتېت تەرىپىدىن 30 ماددىلىق بىر ھۆججەت تەييار قىلىندى ۋە 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ب د ت كېڭەش يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى دېگەن نام بىلەن قوبۇل قىلىندى ۋە ئېلان قىلىندى. بۇ خىتابنامىنىڭ بەزى بۆلۈملىرى ھەققىدە ب د ت خىتاي بىلەن كېلىشىم قىلدى، خىتاي بەزى ماددىلارنى قوبۇل قىلمىدى.
خىتاي بىلەن ب د ت ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمنامىگە ئىمزا قىلىشقان ماددىلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جازالىنىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كېلىشىمنامىسى. بۇ كېلىشىمنامىگە خىتاي 1949 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىمزا قويغان.
2. ھەر تۈرلۈك ئىرقىي ئايرىمچىلىققا خاتىمە بېرىش كېلىشىمنامىسى ب د ت تەرىپىدىن 1965 - يىلى قوبۇل قىلىندى ۋە ئىمزا قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى، 1969 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. خىتاي بۇ كېلىشىمنامىگە 1981 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئىمزا قويدى.
3. تەشكىللەنگەن ئىرقىي ئايرىمچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشنامىسى، بۇ كېلىشىمنامە ب د ت تەرىپىدىن 1973 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قوبۇل قىلىندى ۋە شۇ كۈنى ئىمزا قىلىشقا ئېچىلدى. 1976 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. خىتاي بۇ كېلىشىمنامىگە 1983 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىمزا قويدى.
4. ئاياللارغا قارشى ھەر تۈرلۈك ئايرىمچىلىققا خاتىمە بېرىش كېلىشىمنامىسى. بۇ كېلىشىمنامە 1979 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ۋە 1980 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىمزا قىلىشقا سۇنۇلدى. خىتاي بۇ كېلىشىمنامىگە 1980 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىمزا قويدى.
5. ئىسكەنجە ۋە باشقا زۇلۇم قىلىش، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەت ئىشلەش، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسى. بۇ كېلىشىمنامە 1984 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ۋە پۈتكۈل دۆلەتلەر ئىمزا قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى. خىتاي بۇ كېلىشىمنامىگە 1986 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىمزا قويدى.
6. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى خەلقئارا كېلىشىمنامىسى. بۇ كېلىشىمنامە ب د ت تەرىپىدىن 1966 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ماقۇللاندى ۋە 1976 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. خىتاي 1997 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويدى.
خىتاي بىلەن ب د ت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى مۇناسىۋەت ۋە كېلىشىمنامىلەر، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھەق - ھوقۇق قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەھدىتكە ئۇچراتمىغان تەقدىردە ۋە ياكى خىتايدىكى سىستېملىق داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارمىغان ۋەزىيەتتە خىتاي بۇنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ياقۇپجان بۇ كىتاب ھەققىدىكى ئۆز قاراشلىرىنى ۋە كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كەڭ دائىرىدە ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىقتىسادىي، سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتاب، بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا ئاسارەت ئاستىدا قالغان مىللەتلەر ئۈچۈن ئۈلگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ كىتاب ھۆر دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ۋە باشقا مىللەتلەرگە ۋە ئاز سانلىق بولغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن، چۈنكى بۇ كىتاب كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان مەرھۇم ئەھمەت تۈركوزگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇرغان ئۇنىڭ ئاچىلىرى سائادەت تۈركوز ۋە فاتىمە تۈركۇزلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمەن."
ئىگىلىنىشىچە، مەرھۇم ئەخمەت تۈركۇز، 1963 - يىلى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا بىر قازاق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن، مەرھۇم ئەخمەت تۈركۇز 1998 - يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ۋە بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر يېزىپ ئېلان قىلغان، بىر مەزگىل شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، كېيىن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋە رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. مەرھۇم ئەخمەت تۈركوز 2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 46 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.
بۇ كىتابنى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم ئەخمەت تۈركوز ھايات ۋاقتىدا يازغان بولۇپ، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئالدىراشچىلىق ۋە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشر قىلىنمىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاچىسى فاتىمە ۋە سائادەت تۈركوز خانىملار نەشر قىلدۇرغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.