شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق تەقدىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك تارىخىي كىتابلىرى يوق دىيەرلىك، بولۇپمۇ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇپ ئۆتكەن قانلىق ۋەقەلەر، مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس ياكى يوق دىيەرلىك.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن " شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى" ناملىق تارىخىي كىتاب نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاساسلىقى 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە كىملەر تەرىپىدىن قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي تارىخىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى مەزكۈر تارىخىي كىتابنى ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن يازغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر كىتاب خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈشتىن ساقلىنىپ قېلىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۈر كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.