ئالىمجان ئىنايەت: شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر تېررور پائالىيىتى ئەمەس

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە بۇ مۇسابىقە جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دۇنيادا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولۇشقا داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تېررور پائالىيىتى دەۋاتقان كۈنىمىزدە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ دۆلەت تېررورى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ مىللى مۇجادىلە يەنى ئەركىنلىك مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ كۆز قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىلىم ئادەملىرىدىن بىرى بولسا، ئۇزۇن يىل بېيجىڭدا بىر دۆلەت ئورگىنىدا ئىشلىگەندىن كېيىن، تۈركىيىگە كېلىپ، ھازىر ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى.

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولساقمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە دۆلەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خەلقئارالىق قانۇندا، ئانا دۆلەت بىلەن مۇستەملىكە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق سىياسى ئورۇن مەۋجۇت بولسا، بۇ دۆلەت مۇستەملىكە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دېيىلگەن. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىتاتۇسى ، يەنى سىياسى ئورنى ئاپتونومىيە بولۇپ، ئانا دۆلەت بولغان خىتايدىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە دۆلەت ئىكەنلىكى تارىخىي پاكىتلار بويىچىمۇ، خەلقئارالىق قانۇن بويىچىمۇ ئېنىق. شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكە دۆلەت بولغىنىغا قارىغاندا، بۇ دۆلەت چېگرىسى دائىرىسىدە ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئەسلا تېررورلۇق پائالىيىتى ئەمەس، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1970-يىللىق دوكلاتىدا، مۇستەملىكە تۈزۈمى ئاستىدا تۇرغان دۆلەتلەر مۇستەملىكىچى دۆلەتنىڭ زېمىنىدىن ھېسابلانمايدۇ، شۇڭا مۇستەملىكە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇستەملىكىچى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى پرىنسىپىغا خىلاپ ئەمەس دەپ كۆرسىتىلگەن."

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: "يەنە خەلقئارالىق قانۇن بويىچە، مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار، مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىمۇ بار. خەلقئارالىق قانۇن بويىچە، مۇستەملىكىچى بېسىمغا، چەت ئەل ئىشغالىغا ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشكە قاتناشقان كىشىلەر جەڭچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستان چېگرىسى ئىچىدە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار خىتاي كوممۇنىستلىرى دېگەندەك تېررورىست ئەمەس، ئەركىنلىك جەڭچىلىرىدۇر. ئۇنداق بولسا ھەقىقى تېررورىست كىم؟ ھەقىقى تېررورىستلار خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزلىرى. `مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ`، `ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ` دەپ قورال كۆتۈرۈپ چىقىپ كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت خام خىيال ئۈچۈن چوڭ كىچىك، ئەر ئايال، ياش قېرى دېمەستىن مىليونلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئۆزلىرى ئەمەسمىدى؟ بۇ مىليونلارچە ئىنسان نېمە ئۈچۈن ئۆلدى؟. كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆلدى. كوممۇنىزم قېنى؟. يوق. قىسقىسى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بىر بوش خىيال ئۈچۈن مىليونلارچە ئىنساننى قەتلى قىلغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى تېررورىست دەۋېلىشى، `سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي` دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.