شېنجېن 'سوتسىيالىزم ياراتقان ئىقتىسادىي مۆجىزە'مۇ؟

فرانسىيىنىڭ خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى بۈگۈن بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ 'شېنجېن سوتسىيالىزم ياراتقان ئىقتىسادىي مۆجىزە' دېگەن سۆزىنى رەت قىلدى. تۆۋەندە، شېنجېن ئالاھىدە رايوننىڭ 30 يىللىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنىكى ئىستىقبالى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مۇلاھىزىلەردىن ئۇچۇر بېرىمىز.

0:00 / 0:00

8‏- ئاينىڭ 26‏- كۈنى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. ئەمما خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 6 كۈن بۇرۇن شېنجېنغا بېرىپ، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ئۇ قىلغان سۆزىدە، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ قىلغىنى بۇنىڭغا تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ 30 يىللىقىنى 12 كۈنى كېچىكىپ خاتىرىلىدى، بەلكى شېنجېن تەنتەربىيە مەيدانىدا قىلغان سۆزىدە 'سىياسىي ئىسلاھات' دېگەن ئاتالغۇنى پەقەت تىلغا ئالمىدى.

خەلق گېزىتى: شېنجېننىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىزم ياراتقان مۆجىزە

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئورگىنى 'خەلق گېزىتى'نىڭ چەتئەللەرگە تارقىتىلىدىغان ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 9‏- ئاينىڭ 6‏- كۈنى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، شېنجېننى، بىر كىچىككىنە بېلىقچىلار مەھەللىسى تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، زامانىۋى چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇلغان بىر 'ئىقتىسادىي مۆجىزە'، بۇ مۆجىزە دەل سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكى ياراتقان مۆجىزە دەپ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن.

خىتايدا 1949‏- يىلىدىن بۇرۇن كاپىتالنىڭ ئېقىشى ئەركىن ئىدى، 1949‏- يىلىدىن كېيىن تامامەن چەكلەندى

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزورى ئارقىلىق،خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىدىكى 'شېنجېن سوتسىيالىزم ياراتقان ئىقتىسادىي مۆجىزە' دېگەن يەكۈننى تەلتۆكۈس رەت قىلدى. لى فامىلىلىك بىر شېنجېن ئاھالىسىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، خىتايدا 1949‏- يىلىدىن بۇرۇن كاپىتالنىڭ ئېقىشى ئەركىن ئىدى. 1949‏- يىلىدىن كېيىن كاپىتالنىڭ ئەركىن ئېقىشى تامامەن چەكلەنگەن.

ھەممە گېزىت 'كاپىتالىزم دوزاق' دەپ تەشۋىق قىلىۋاتسىمۇ، كاپىتالىستىك خوڭكوڭغا قېچىش توختىمىدى

بۇ پېشقەدەم شېنجېن ئاھالىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن، گەرچە ھەممە گېزىت، ژۇرنال، رادىئو 'سوتسىيالىزم جەننەت'، 'كاپىتالىزم دوزاق' دەپ تەشۋىق قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ كاپىتالىستىك خوڭكوڭغا قېچىشى توختىمىدى. 1979‏- يىلى 5‏- ئاينىڭ 6‏- كۈنى بىر كۈندىلا شېنجېن ئارقىلىق خوڭكوڭغا قاچقان ئادەم سانى 30 مىڭدىن ئاشتى. ئەتىسى شېنجېن بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدىكى 20 نەچچە كىلومېتىرلىق دېڭىز يۈزىدە ناھايىتى كۆپ ئادەم جەسىتى لەيلەپ قالدى. مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ بولغان.

شېنجېن ئاھالىسى: شېنجېننى سوتسىيالىزم ئەمەس، كاپىتالىزم تەرەققى قىلدۇردى

بۇ پېشقەدەم شېنجېن ئاھالىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 1980‏- يىلىدىن باشلاپ، توسۇۋېتىلگەن يول شېنجېندا قايتىدىن ئېچىلدى، كاپىتال شېنجېندا ئەركىن ئاقىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن شېنجېن تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دېڭ شاۋپىڭ 1992‏- يىلى شېنجېنغا كەلگەندە، بۇرۇنقى مەسىلىنى 'بىزنىڭ سىياسىتىمزدىكى مەسىلە' دەپ جاكارلىدى. دېمەك، شېنجېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققى قىلىپ، بىر كېچىك مەھەللىدىن بىر چوڭ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغانلىقى سوتسىيالىزم پەيدا قىلغان 'مۆجىزە' ئەمەس، ئۇ كاپىتالىزم شەكلىدە كاپىتالنىڭ ئەركىن ئېقىشى جەريانىدا تەرەققى قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولۇپ كېلىپ چىققان ئۆزگىرىش. خىتايدا باشقا جايلارنىڭ يىللاردىن بۇيان شېنجېندەك تەرەققى قىلالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، پەقەت كاپىتالنىڭ ئەركىن ئېقىشى شېنجېندىكىدەك يولغا قويۇلمىغانلىقىدىن بولغان.

شېنجېندا 'خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى' دەيدىغان ئىككى خىل تېكىست بار

شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي ئەزالىرىدىن مەلۇم ئەربابلارنىڭ بوشۈن تور گېزىتىگە ئاشكارىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ شېنجېندا قىلىدىغان سۆزىنىڭ تېكىستى خېلى بۇرۇنلا كەلگەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ تېكىستنى قايتۇرۇۋالدى، كېيىن يەنە بىر خىلىنى ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ شېنجېندا 'خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى' دېگەننىڭ ئىككى خىل تېكىستى بار، بۇرۇنقىسىدا پەقەت 'مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش' دېگەن سۆز بار ئىدى، كېيىنكىسىدە ئۇمۇ يوق، ۋېن جياباۋنىڭ سۆزىدىكى 'ئەگەر سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ' دېگەن مەزمۇنلارغا ئوخشايدىغان گەپ يوق. بۇنىڭدىن كېيىن شېنجېننى تەرەققى قىلدۇرۇش ناھايىتى قېيىن بولىدۇ.

ۋېن جياباۋ بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ شېنجېننى تەرەققى قىلدۇرۇش تەشەببۇسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئالما گېزىتى' نىڭ بۈگۈنكى ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، ۋېن جياباۋ بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ شېنجېننى تەرەققى قىلدۇرۇش تەشەببۇسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ. خۇ جىنتاۋ شېنجېننىڭ بوينىدىكى سوتسىيالىزمنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىنى تېخىمۇ بەك چىڭىتىۋەتكەن.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى مۇستەقىل يازغۇچى جۇ شۆيۇەن ئۆزىنىڭ تور گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: ستالىن ئۆز ۋاقتىدا خىروششىف پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان. ماۋزېدۇڭمۇ دېڭ شاۋپىڭ چىقىپ خىتايدا زاماننى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ساقلىنىپ قالالمىدى. خۇ جىنتاۋ ھازىر ۋېن جياباۋنىڭ ئاغزىنى كونترول قىلالمىغانلىقىدىن قارىغاندا، ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ ناھايىتى كەسكىن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.