شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئاكا - ئۇكىلار ئۈستىدە 3 - فېۋرال بىلەت تاشلايدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.02
2010.02.02

AFP Photo
مەزكۇر ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە 3 - فېۋرال شۋېتسارىيە دۆلەت كېڭىشى بۇ ھەقتە رەسىمىي قارار ئالىدىكەن.
ئەركىن ۋە بەختىيارنىڭ ئادۋوكاتى گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرا شتاتىدا تاشلانغان بېلەت، پەقەت بۇ بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەييارلىق ئەھۋالى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن.
يۇرا شتاتى جەنۋە شەھىرىگە يېقىن جايلاشقان. بۇ شتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن بىلەت تاشلاش ھەققىدە توختالغان گىلسون خانىم مۇنداق دېدى: " يۇرا شتاتى ھازىر پەقەت بۇ كىشىلەرگە تۇرالغۇ، خىزمەت تېپىش ۋە شۋېتسارىيە جەمئىيىتىگە يۈزلەندۈرۈش مۇئەسسەسىلىرى جەھەتلەردىكى ھازىرلىق ئەھۋالى ھەققىدە بېلەت تاشلىدى. ئەمما بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئەتە فېدېراتسىيە كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىلەت تاشلاشتۇر ".
شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسى پرېزىدېنتلىق دۆلەت بولسىمۇ، پرېزىدېنت پەقەت 7 كىشىلىك فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ رىياسەتچىسى سۈپىتىدە ھەر يىلى بىر قېتىم سايلىنىدىكەن. شۋېتسارىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى مەزكۇر 7 كىشىلىك فېدېراتسىيە كېڭىشى بىلەت تاشلاپ باشقۇرىدىكەن.
گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلار 3 - فېۋرالدىكى بېلەتنى شۋېتسارىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئاساستا تاشلايدىكەن.
مەزكۇر ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلارنىڭ ھېكايىسى تولىمۇ تەسىرلىك بولۇپ، بۇلار 2001 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا قولغا چۈشكەن ۋە گۈەنتاناموغا يۆتكەلگەن ئىدى.
شۋېتسارىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى گۈەنتانامودىكى ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇرلارنى ئېلىشىنى ئويلىغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا گۈەنتاناموغا بېرىپ، بۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە بارماق ئىزى ۋە DNA ئەۋرىشكىلىرى ئالغان.
شۋېتسارىيىنىڭ مەزكۇر ئاكا - ئۇكىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شۋېتسارىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى قارارىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان.
گىلسون خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن جىددىي خەتلەرنى يوللاپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئالساڭلار بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز دېيىشنى توختاتمىدى. شۋېتسارىيە ھازىر خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ياۋروپادىمۇ شۇنداق. شۇڭلاشقا شۋېتسارىيە سودا مىنىستىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا بەكمۇ قارىشى".
گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، شۋېتسارىيە مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە چوڭقۇر ۋە مول ئەنئەنىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىكەن. بۇ نۇقتا، خىتاينىڭ يۇقىرىقى بېسىملىرىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن.
گىلسون خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ئۇلار يەنە، مەيلى خىتاي، مەيلى ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلار شۋېتسارىيىگە قارىتا ئىنتايىن چوڭ قىزىقىش قوزغىماقتا. ئەتە بەك ئالاھىدە كۈن بولغۇسى."
يۇرا شتاتى 29 - يانۋار بۇ ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش ئۈستىدە بىر قېتىم رەسمىي بېلەت تاشلىغان ئىدى. گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ گۈەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىدىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتماقتا ئىكەن. گىلسون خانىم مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 19 - يانۋاردىن 26 - يانۋارغىچە شۋېتسارىيىدە بولغان ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەندەلىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا ئۆز رولىنى ئىنتايىن ياخشى جارى قىلدۇرغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي ۋە ئىسپاتلىق مەلۇماتلارنى بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گۈەنتانامودىكى بۇ ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلارنى شۋېتسارىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تاللىغان بولۇپ، گىلسون خانىم بۇ نۆۋەتلىك شۋېتسارىيە زىيارىتىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن بىر قىسىم مۇھىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
گىلسون خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئەدلىيە مىنىستىرى، ئامېرىكىنىڭ شۋېتسارىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە يۇرا شتاتىنىڭ باشلىقى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم. يۇرا شتاتى باشلىقى بۇ ئۇيغۇرلارغا بەكمۇ ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى".
يۇرا شتاتلىق ھۆكۈمەت بۈگۈن ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت باياناتىغا قارىغاندا، ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى 21 - يانۋار شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسى كېڭەش ئەزاسى ئېۋېلين ۋىدمېر-شلۇمپف يۇرا شتاتى باشلىقى چارلېز جۇىللاردقا تاپشۇرغان ۋە شۇندىن كېيىن شتات بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: " فېدېراتسىيىدىن ئالغان ئۇچۇرلار بۇ ئىككى كىشىنى يۇرادا ئورۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىمىزنى ئىمكان بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇلار يۇرادا ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىنىدۇ".
گۈەنتانامودا ئەسلى 22 ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 15 نەپىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نۆۋەتتە گۈەنتانامودا يەنە 7 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
گىلسون خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن چۈشكۈن بولۇپ، 8 يىلدىن بېرى ئېنىق جاۋابسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇش ئۇلارنى روھى جەھەتتىن چارچاتقان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.