شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار پارلامېنت بىناسىدا ئىپتار زىياپىتى بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.09.17
2009.09.17

RFA Photo / Yalqun
ئىپتار پائالىيىتىگە شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بېرگىتتا سېللېن خانىم ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىدىن سىرت، شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قايسى مۇسۇلمان ئەللىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەت ئىپتار ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازى بىلەن يۈز ئاچتى.
پائالىيەت جەريانىدا شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بېرگىتتا سېللېن خانىم سۆزگە چىقىپ شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزانىنى تەبرىكلىدى.
بېرگىتتا سېللېن خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە گېزىتلاردا ئوقۇغان ۋە تېلىۋىزورلاردا كۆرگەن ئۇچۇرلاردىن باشقا كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدىم. بۈگۈن ئىپتار پائالىيتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، تەملىك ھەر خىل تاماقلىرىنى تېتىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ماڭا سوغا قىلىنغان بۇ كۆك شارپا ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىقىنىڭ سىمۋولى ئىكەن، مەن بۇ سوغىدىن شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇم. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دائىر ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قانداق خىزمەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى ماڭا نامەلۇم، ئەمما پات يېقىندا شىۋېتسىيىە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ماڭا مەلۇم، چۈنكى مېنىڭ مەمەت قاپلان ۋە باشقا بىر قىسم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پارلامېنتقا سۇنغان خەتلىرىدىن خەۋىرىم بار."
ئىپتارلىق پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۆپ كۈچ چىقارغان شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مەمەت قاپلان ئىپتار ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كىلىۋاتقان سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنى ۋە دىنىي جەھەتتىكى زۇلۇملارنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئىپتار ئىشتىراكچىلىرىغا تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەمەت قاپلان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇر مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى بىلىشكە تىگىشلىك بىر مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۇر تەشۋىقاتى بىلەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەت پۈتۈن تۈركى مىللەتلەرنىڭ، پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەسىلىىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەر قانداق ۋىجدان ئىگىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تىگىشلىك مەسىلىدۇر. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى كۈچى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈكىستاندىكى ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، قىرغىن قىلىنىۋاتقان، تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. بىز شەرقى تۈركىستاندىكى بۇ خىل ئىنسانى بولمىغان مۇئامىلىلەرنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر بۇ جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. مەن شۇنداق قارايمەنكى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا كۆتۈرۈپ چىقىشقا مەن تەييار ھەم مەن مۇشۇ يولدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىمەن."
پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئەخمەتجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئىپتار زىياپىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر ئىشلاردىن ئۇچۇر بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.