شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 29-ئۆكتەبىر كۈنى ستوكھولمنىڭ تېنىستا رايونىدا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-10-31
Share
mehmet-qaplan-qurban-heyt-uyghur-305.jpg شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلاننىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلماقتا. 2012-يىلى ئۆكتەبىر، شۋېتسىيە.
RFA/Qutlan

بۇ پائالىيەتكە ستوكھولمدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن باشقا شۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە قوشنا دۆلەتلەردە ياشىغۇچى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتى ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا، مول مەزمۇنلار بىلەن داۋاملاشتى. شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

بىز بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەققىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات ئەپەندى ۋە شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مەھمەت قاپلان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت