' ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟ ' ناملىق ئەسەر تۈركىيىدە نەشىردىن چىقتى

تونۇلغان ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى يازغان " ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب جەمئىي 3 تومدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 1 - تومى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تۈركىيىدە رەسمى تارقىتىلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى ۋە كىرىش سۆز قىسىمىدىن باشقا 86 ماقالىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلار ئاپتورنىڭ 1992 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان، ئەسلىمە، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە تەھلىل، ئىستراتېگىيە ھەم سىياسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالىلىرىدىن ئىبارەت.

"ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟" ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئوبزورچى، سىياسىيون سىدىق ھاجى روزىنىڭ تەرجىمىھالى ئەتراپلىق ھالدا بايان قىلىنغان.

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا بىلىنمىگەن بەزى مەسىلىلەرنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولۇشنى خالىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى يەنە بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا، تونۇلغان ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىڭ "ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟" ناملىق بۇ 3 توملۇق ئەسىرىنىڭ تولۇق نەشىر قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، سىدىق ھاجى ئەپەندىنىڭ "ئۇيغۇرلار قانداق بولۇپ مۇستەملىكە بولۇپ قالدى؟" ناملىق بىر ئەسىرىنىڭمۇ نەشىر قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ئەسەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.