سۇ مەسىلىسى قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش تۇغدۇرماقتا

تارىختىن مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيادا مۇستەقىل دۆلەتلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان بىر قاتار مەملىكەتلەر ئۆز-ئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى قايتا ئورناتتى. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا ئۇلار ئارىسىدا بەزى مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ ھەل قىلىش ۋەزىپىسىمۇ پەيدا بولغان ئىدى. ئەينە شۇلارنىڭ بىرى مەملىكەتلەر ئارا ئۆتىدىغان دەريالارنىڭ تەقدىرى، يەنى ھايات-تىرىكچىلىك ئۈچۈن زەرۈر بولغان سۇ مەسىلىسىدۇر.

مەزكۇر مەسىلە پۈتۈنلەي مەركىزىي ئاسىيا رايونى ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ، چوڭ دەريالارنىڭ بارلىقى دېگۈدەك مەملىكەتلەر چېگرىلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قازاقىستان «خابار» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئايدا ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا جايلاشقان جۇغراپىيە باش جەمئىيىتىدە مەزكۇر مەسىلىنىڭ كۈن تەرتىپكە قويۇلۇشى ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۆپچىلىكنى تەشۋىشلەندۈرىدىغانلىقى، بۇ مەسىلىگە بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ چوڭ ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
يېقىندا «سېنتر ئاسىيا» تور گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان «ئاسىيا نيۋىس: مەركىزىي ئاسىيادا سۇ مەنبەلىرى سەۋەبىدىن ئۇرۇش چىقىش خەۋپى ئۆسمەكتە» ناملىق ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدا سۇ مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان قىرغىزىستاندىن كۆپرەك سۇ ئېلىشنى كۆزلىمەكتە ئىكەن، ئەمدى ئۆزبەكىستان بولسا تاجىكىستاندا گىدروئېلېكتىر ئىستانسىيىسىنىڭ سېلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا تىكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەركىزىي ئاسىيادا سۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى مەۋجۇت. بىرەر كېلىشىمسىز، بۇ قارشىلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

بىشكەكتە ئۆتكەن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن قازاق ۋە قىرغىز ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا قىرغىزىستاندىن قوشۇمچە سۇ يەتكۈزۈش ھەققىدە قازاقىستاننىڭ تەلىپى بويىچە كېلىشىمنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان. شۇ ئارىدا، قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئۆزبېك ۋە قازاق فېرمىچىلىرىنىڭ كۈن كۆرۈش مۇمكىنچىلىكلىرىدىن مەھرۇم بولۇشىدەك خەۋپنى تۇغدۇرماقتا.» ماقالىدە شۇنداقلا ئىككى تەرەپ بىر كېلىشىمگە كەلگەن تەقدىرىدە قىرغىزىستاننىڭ توقتوغۇل سۇ ئامبىرىدىن قازاقىستان ئۈچۈن سۇ قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى، مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىر قەدەر قۇرغاقچىلىق رايونى ئىكەنلىكى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ تەكشى بۆلۈنمىگەنلىكى ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ سۇغا باي ئىكەنلىكى، ئەمما تەبىئىي قېزىلمىلارنىڭ بۇ مەملىكەتلەردە تامامەن يوقلۇقى، شۇ سەۋەبتىنلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھاجەت بولغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆزبەكىستانغا، قازاقىستانغا ۋە تۈركمەنىستانغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىشنى كۆزلەۋەتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن سۇ ئېقىمىدىن تۆۋەنگە قاراپ جايلاشقان مەملىكەتلەر بۇ ئىدىيىدىن باش تارتىپ، ئۇلار سۇنىڭ ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئەرز قىلىپ، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ گىدرو ئېلېكتر ئىستانسىيىسى سېلىش پىلانلىرىغا قارشى چىقماقتا ئىكەن.

مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاجىكىستاننىڭ ۋاخش دەرياسى بويىدا «روگۇن» ئېلېكتر ئىستانسىيىسىنىڭ سېلىنىشى بىلەن ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئىستانسا بولماقچى. ئۆزبەكىستان بولسا مەزكۇر ئىستانسا سېلىنغان تەقدىرىدە، ئۆزىنىڭ سۇ مەنبەلىرى ئۈستىدىكى نازارىتىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تاجىكىستاننىڭ سۇ توسمىسى سېلىش ئارقىلىق مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى بۇنىڭغا چارە قوللىنىشقا چاقىرماقتا ئىكەن.

شۇنداقلا، تاجىكىستان ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزبەكىستاننى تاجىك ئېكىسپورتىنى، شۇ جۈملىدىن تاۋار پويىزلىرىنى ئۆتكۈزمەي چېگرىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۆزبەكىستان تاجىكىستانغا گاز چىقىرىشنى قىسقارتقان ھەم تۈركمەنىستاندىن كېلىۋاتقان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى توختاتقان، تەرەپلەر ئارىسىدىكى مۇنداق توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ مەسىلە بويىچە بىرەر كېلىشىمنى قولغا كەلتۈرۈش ھاجەت، دېيىلگەن ماقالىدە.