تالانتلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت گۈلدىيار تانرىداغلى تۈركىيىدە كونسېرت قويدى

دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانت مۇزات تۇغۇلغان شەھەردىكى داڭلىق موزارتېئۇم مۇزىكا مەكتىپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان تالانتلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت گۈلدىيار تانرىداغلى ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىدە كونسېرت قويدى.

0:00 / 0:00

گۈلدىيار تانرىداغلى خانىم، ھازىرغىچە ئاۋىسترىيە، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم پىئانىنو كونسېرتى قويغان بولۇپ، ئۇ مۇزىكانتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.

ئۇ، 1986 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، 5 ياش ۋاقتىدا تۈركىيىگە كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئىستانبۇلدا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي نەتىجە بىلەن ئىستانبۇل مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا ئۆتكەن. ئۇ، 13 يىلدىن بېرى مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مۇزىكىلىرىنى نوتىغا ئېلىش ئىشى بىلەنمۇ شۇغۇللانماقتا.

24 ياشتا كلاسسىك مۇزىكا ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن گۈلدىيار تانرىداغلى قانداق قىلىپ بۇنداق ئالىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدى؟ بۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.