پاكىستان تالىبانلىرى ئوساما بىن لادېن ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى
2011.05.13

پاكىستاندا بۈگۈن كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم چوڭ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە بىگۇناھ خەلقتىن 80 ئادەم ئۆلدى، 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. نيۇ-يورك پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستاندا بۈگۈن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن شاپقادار شەھەرچىسى، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئوساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاببوتاباد مەھەللىسىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر شەھەرچە. بۇ شەھەرچە پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى مۇھىم چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان پىشاۋار شەھىرىگە يېقىن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى ئەھسانۇللا ئېھسان، بۇ، ئامېرىكا ئوساما بىن لادېننى پاكىستانغا كىرىپ ئۆلتۈرگەن ۋەقەدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق پارتلىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان پىشاۋار شەھىرىگە يېقىن بىر شەھەرچىدە يۈز بەرگەن بۇ پارتلىتىش ۋەقەسى، يىللاردىن بۇيان پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھىندىستان تېز خەۋەر گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، يەنى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىمۇ، پاكىستاننىڭ قايبەر پاقتۇنقاۋا ۋىلايىتىنىڭ نوۋشىرا شەھىرىدە ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە 3 ساقچى ئۆلگەن (بۇنىڭ بىرى ئايال ساقچى)، يەنە ئىككى ساقچى يارىلانغان ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ جايمۇ پىشاۋار شەھىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتا.
پاكىستان پىتى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىمۇ، كەشمېرنىڭ جامبۇل شەھىرىدىكى ئۇدخامپۇر رايونىدا ئىككى قېتىم ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇنى لەشكەرىي تائىبە يىراقتىن كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ پارتلاتقان.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان كۆزەتكۈچى گېزىتى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ئوساما بىن لادېن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمىز دېگەن باھانە بىلەن، ئامېرىكا ۋە پاكىستان ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، يەنە قولىدا قورال يوق بىگۇناھ خەلقنى قىرىشقا باشلىغانلىقىنى تەنقىدلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلدى.
ئافغانىستاندا بولسا ئەھۋال باشقىچە، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئافغانىستان پارلامېنتىدا، سىرتنىڭ تەسىرى بولمىغان ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە تالىبانلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش دېگەن بىر چوڭ پىلان مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان ئافغانىستان پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، ئافغانىستاننىڭ سىرتنىڭ تەسىرى بولمىغان ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە تالىبانلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش پىلانىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن 5 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە بۇ ياردەمنى تەدرىجىي ھالدا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەردى.