سۈرگۈندىكى تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تارىخى قۇرۇلتىيى داۋاملاشماقتا

سۈرگۈندىكى تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ۋەكىللىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تارىخى قۇرۇلتىيى داۋاملاشماقتا. قۇرۇلتايدىن تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ھەققىدە قانداق قارار چىقىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008-11-19
Share
Tibet-qurultay-daramsla-305.jpg ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ، 17 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺭﺍﻣﺴﺎﻻ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رىنپوچىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان قۇرۇلتايدا تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ۋەكىللىرى تىبەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىپادىلەيدىغان. لېكىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ كېلەچەك يۆنىلىشى ھەققىدىكى ئاخىرقى قارار، قۇرۇلتايغا قاتناشقان  ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، تەكلىپ ۋە تەلەپلەر ئاساسىدا سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتى تەرىپىدىن ئېلىنىدىكەن.

تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ۋەكىللىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 8‏ -  نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاياغلاشقانلىقى ۋە دالاي لامانىڭ بۇ سۆھبەتلەردىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىشىدىن كېيىن ئېچىلدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قۇرۇلتاينىڭ بۇنداق بىر پەيتتە ئېچىلغانلىقى، دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىگە قارشى پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ھەتتا خىتايغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قوزغاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ قۇرۇلتايدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بولۇپمۇ دالاي لامانىڭ خىتايغا قاراتقان يۇمشاق سىياسىتىگە قارشى بولغان، چەتئەللەردىكى ئەڭ كۈچلۈك تىبەت تەشكىلاتى ھېسابلانغان "دۇنيا تىبەت ياشلىرى قۇرۇلتىيى" نىڭ قۇرۇلتايدا خىتايغا قارشى قاتتىق بىر پوزىتسىيە تۇتۇش ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش توغرىسىدا بىر قارار ئېلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن.  

خىتاي ھۆكۈمىتى دارامسالادا ئېچىلىۋاتقان تىبەت قۇرۇلتىيىدا بۇنداق بىر قارار چىقىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ بۈگۈن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت مەغلۇپ بولىدۇ" دېگەن.  

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى، نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان قۇرۇلتاينىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىشى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلارغا خىتايغا قارىتا تۇتىدىغان سىياسەت توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن ئېچىلغانلىقىنى، قۇرۇلتايدا ئېلىنىدىغان ھەر قانداق قارارنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. 

سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتنىڭ رەئىسى كارما چوپەل ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئوتتۇرا يول سىياسىتى مەغلۇپ بولدى. بۇ سىياسەت ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تىبەت خەلقى قانداق قىلىش توغرىسىدا يېڭى بىر تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، دېگەن.

سەيشەنبە كۈنى قۇرۇلتاينىڭ پائالىيىتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىنى جاۋابلاندۇرغان سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رىنپۇچى،" قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارار پارلامېنتقا سۇنۇلىدۇ. ئاخىرقى قارارنى پارلامېنت بېرىدۇ. ئەگەر پارلامېنت بىردەك ئاۋاز بىلەن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاشنى قارار قىلسا، بىزنىڭ بۇ قاراردىن باش تارتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئامالىمىز يوق " دېگەن. 

ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان تىبەت مىللىي ھەرىكىتى قۇرۇلتىيىدا دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش ، مۇستەقىللىق يولىنى تاللاش قارار ئېلىنىشى ئېھتىماللىقى تىبەت مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا  تىبەت مىللىي ھەرىكىتىدىكى بۇنداق بىر بۇرۇلۇشنىڭ تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا پايدا ئېلىپ كىلىدىغان -  كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە جىددىي تالاش - تارتىش قوزغىغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ يۇمشاق سىياسىتىگە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى، تىبەت پائالىيەتچىلىرى ھەتتا دالاي لاما ئۆزىنىڭمۇ 20 يىلدىن ئېلىپ بارغان بۇ سىياسىتىنىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق بىر پوزىتسىيە تۇتۇشى، تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ئىچىدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لامانىڭ تەكلىپلىرىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن جىددىي ۋە سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا زورلىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.    

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، خىتايغا قارىتا قاتتىق سىياسەت تۇتۇش تىبەت مەسىلسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ دېيشمەكتە. ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روببى بارنېت  "تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ئىچىدىكى رادىكال قاناتنى كۈچەيتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىراتېگىيىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق بىر سىياسەت خەلقئارانىڭ تىبەت مەسىلسىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئازايتىدۇ"دەيدۇ.        
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت