ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لۇخاۋ ناھىيىسىدە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان يەرلىك تىبەتلەرنى ئوققا تۇتقان. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە بەش تىبەتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، كۆپ ئادەمنى يارىلاندۇرغان. بۈگۈن، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنە گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېدا ناھىيىسىدە نامايىش قىلغان تىبەتلەرنى قوراللىق باستۇرغان.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تۈنۈگۈن-خىتاينىڭ چاغان بايرىمى باشلانغان كۈنى ئەتىگەندىلا، گەنزى ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لۇخاۋ ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش-چارلاش ئېلىپ بارغان. خىتاي ساقچىلىرى بۇ چارلاشتا يەرلىك تىبەتلەردىن بىر نەچچە كىشىنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىدا ئادەم توپلىنىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ ئۆي ئاختۇرۇش-ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىگە نارازى بولۇپ نامايىش قىلىشقا باشلىغان ئادەم توپى ئىچىدە، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك دېگەن شوئار توۋلانغان، ياشىسۇن دالاي لاما دېگەن شوئارلارمۇ توۋلانغان.
قوشنا يېزىلاردىنمۇ ئادەم كېلىشكە باشلاپ، ناھىيە بازىرىغا توپلانغان ئادەم سانى مىڭدىن ئاشقاندا، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنى جازالاشنى ۋە تۇتۇپ كەتكەن ئادەملەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ چاغدا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۇلارنى ئوققا تۇتقان. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى دەسلەپتە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن تىبەتنىڭ ئىسمى نورپا يونتېن، 49 ياش. نامايىشچىلار ئۇنىڭدىن باشقا 40 نەچچە جەسەتنىڭ كىملىكىنىمۇ ئېنىقلاپ چىققان.
گەنزى ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لۇخاۋ ناھىيىسىدىكى بىر راھىبنىڭ رادىئومىز مۇخبىرى چاۋ لۇڭغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي تۈنۈگۈن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 4 تىن ئارتۇق، نامايىشتا ئوق تەگكەن تىبەتلەرنىڭ سانى ئەللىكتىن ئارتۇق. بۈگۈن بۇ ناھىيىگە يەنە قوشنا ناھىيىلەردىنمۇ ئادەم كېلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ ناھىيىدە يەرلىك تىبەتلەرنىڭ خىتاي قىسىملىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ.
بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان تىبەت يازغۇچىسى ۋىسېر خانىمنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق رادىئومىزغا بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لۇخاۋ ناھىيىسىدە يەرلىك تىبەتلەرنى باستۇرغان ئىدى. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۈگۈن گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېدا ناھىيىسىدە يەرلىك تىبەتلەرنى باستۇردى. بۇ ناھىيىدە يەرلىك تىبەتلەر يىللاردىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ ناھىيىدە ھېچ ۋەقە يۈز بەرمىدى دېگەندىمۇ، بېرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن ئەركىنلىك شوئارى توۋلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن بۇ ناھىيىگە پەقەت تېلېفون ماڭمىغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شى لېي، چەتئەل تەشكىلاتلىرى تىبەتلەر توغرىلىق ئىغۋا تارقىتىپ، دۆلىتىمىزگە تۆھمەت چاپلىدى، قوراللىق قىسىملىرىمىز قوللانغان ھەرىكەت چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگىنى يوق، دەپ جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قولىغا پىچاق، تاش، توقماق ئالغان كىشىلەر خىتاينىڭ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان، بانكىنىڭ پۇل ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، قاتناشنى توسۇۋالغان، خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ دۇكانلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان.
مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سانگېجانىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بۈگۈن، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېدا ناھىيىسىدە تىبەتلەرنى قوراللىق باستۇرغان، تىبەتلەردىن بىر قىسىم ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، كۆپ ئادەم يارىلاندۇرۇلغان قانلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان. ئۇلار ھازىر بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرۈش-ئېنىقلاشقا باشلىغان.
باش ئورگىنى ۋاشىنگتوندىكى تىبەتكە ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى رىنچن زاشىنىڭ ئىسپات بېرىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھەر يىلى، خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىدەك مۇشۇنداق چوڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى كەلگەندە، تىبەتلەرنى باستۇرىدۇ، بۇلتۇرمۇ شۇنداق قىلغان. خىتاي چاغاننى باشقا مىللەتلەرنى قىرىدىغان بايرامغا ئايلاندۇرۇۋالدى. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا تىبەتلەرنىڭ باھار بايرىمى بولىدۇ، بۇ، تىبەتلەر ئۆز-ئارا جەم بولىدىغان بايرام، 3-ئاي بولسا، تىبەتلەر كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئاي. كوممۇنىست خىتاي ساپ مۇشۇ ئايلاردا تىبەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.