تۇراننىسا تېپىلدى

ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىئومىزدا 11ياشلىق تۇراننىسا ئىسىملىق بىر بالا باققۇچى قىزنىڭ 28 - سېنتەبىر قارىمايدىكى تۇققىنىنىڭ ئۆيىدىن بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەنچە يوقاپ كەتكەنلىكى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بەزىبىر قاتمال بەلگىلىمىلىرى سەۋەبلىك ئۆي ئىگىسىنىڭ تۇراننىسا يوقاپ كېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن دېلو مەلۇم قىلغانلىقى ۋە مەزكۈر ۋەقەنىڭ بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قويۇلۇپ، جامائەتنىڭ ئەندىشىسى ھەم دېققىتىنى قوزغىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە قارىمايغا قايتا تېلېفون قىلىپ، تۇراننىسانىڭ يەكشەنبە كۈنى، يەنى 5 - ئۆكتەبىر كۈنى، تېپىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدى.

خۇددى شەھەردىكى يۈزلىگەن ‏ - مىڭلىغان بالا باققۇچى سەھرالىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئوخشاش، تېخى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكىمۇ ئىمكانى بولماي، قاغىلىقتىن ئامالسىز قارىمايدىكى تۇققىنىنىڭ ئۆيىدە بالا باققۇچى قىز بولغان 11 ياشلىق تۇراننىسا، ھەممە روزا ھېيت تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ھارپا كۈنلىرىدە يەنى 28 - سېنتەبىر كۈنى، قېرىنداش بىلەن بىر ۋاراق قەغەزگە " ئاكا، ئاچا مەندىنمۇ ياخشىراق قىز تېپىۋالغايسىلەر، ئاكا، ئاچا خوش، ئۇكام خوش، مەن كەتتىم،" دېگەن بىر جۈملە سۆزنى قالدۇرۇپ قويغانچە يوقاپ كەتكەن ئىدى.

تۇراننىسا مەكتەپتىن چېكىنگەندە، يۇرتىدىن كەتكەندە، ئۆزىگە ناتونۇش شەھەردە بالا بېقىپ يۈرگەنلىرىدە ... بۇ قىز ھېچكىمنىڭ دېققىتىنى قوزغىمىغان ئىدى. ئەمما ئۇ يۈتۈپ كەتكەندە، ئۇ ھەققىدە ئادەم ئىزدەش ئېلانى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قويۇلغاندىلا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدى، ھەتتا بىر پەس غۇلغۇلا قوزغىدى،ئۇنىڭ تەقدىرى ھاياتى، بۇرۇنى ھەتتا كېيىنى ھەققىدىمۇ ئويلاشقا ئۈلگۈردى. مۇھىمى تۇراننىسانىڭ يوقاپ كېتىشى كىشىلەردە ئەتراپىدىكى تۇراننىساغا ئوخشاش ئۆزى بالا تۇرۇپ ئۆي خىزمەتچىسى‏ - بالا باققۇچى بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان، تۈرلۈك قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتقان،ئۆزىنى قوغداش ئىمكانىيىتىمۇ يوق، سانىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان نارىسىدە سەھرا قىزلىرى ھەققىدە ئويلىنىش پەيدا قىلدى.

بىز ئەندىشىلەر ئىچىدە تۇراننىسانىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئېلان بەرگۈچى كىشى يەنى تۇراننىسا تۇرۇۋاتقان ئۆي ئىگىسىنىڭ ئاغىنىسىگە قايتا تېلېفون قىلىپ تۇراننىسانىڭ ئىز ‏ - دېرىكى بولغان ‏ - بولمىغانلىقىنى سورىدۇق. بۇ ئاق كۆڭۈل كىشى تۇراننىسانىڭ تېپىلغانلىق خەۋىرىنى ھاياجان ئىچىدە يەتكۈزدى.

بىز يەنە تۇراننىسا تۇرۇۋاتقان ئۆي ئىگىسىگە تېلېفون قىلىپ،تۇراننىسانىڭ ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، ناھايىتى تەستە ئۇلانغان تېلېفونغا ئاخىرى بىر ئەر كىشى جاۋاب قىلدى.

تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئالماي تۇرۇپ ئۈنلۈك سۆزلەۋاتقان بۇ ئاۋازنىڭ، تۇراننىسانىڭ ئاتالمىش تۇغقان ئاچىسى يەنى بۇ ئۆينىڭ ئايال غوجايىنى ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ ئايال زىيارىتىمىزنى رەت قىلغاندىن باشقا، ئېرىنىمۇ ھەم تۇراننىسانىمۇ بىز بىلەن سۆزلىشىشتىن توسىدى.

قارىمايدا تۇراننىسا بالا بېقىۋاتقان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مۇئامىلىسىدىن ئۇلارنىڭ تۇراننىسانىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ھېچقانچە ساۋاق ئالمىغانلىقى ھەم ھېچبىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك.

قانداقلا بولمىسۇن، تۇراننىسا ئاخىرى تېپىلدى، جەمئىيىتىمىزدە يەنىلا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بولغاچقا، ئۇ شۇم نىيەت ئالدامچىلارنىڭ، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشمەي ساق ‏ - سالامەت قايتىپ كەلدى.

ئەمما بۇ ۋەقە، ئۆزى بالا تۇرۇپ بالا باققۇچى بولغان بەختسىز سەھرا قىزى تۇراننىسانىڭ ھايات سەپىرىدىكى پەقەت كىچىككىنە بىر ھېكايە بولۇپ قالدى خالاس، بۇ ئۇنىڭ تەقدىرىدە ھېچبىر ئۆزگىرىش ياسىيالمىدى، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋە تور بەتلەردە قانچە غۇلغۇلا قوزغىغان بولمىسۇن يەنىلا تور بەتلەردىكى باشقا مۇنازىرىلەرگە ئوخشاش ئۇ ھەققىدىكى تېمىمۇ كونىرايدۇ، تۇراننىسا تور بەتلەردىن يۈتۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەنىلا سەھرادىن شەھەرگە كېلىپ بالا باققۇچى بولغان بىر قىز خالاس.