تۈرك دۇنياسى فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2012.07.24
تۈرك دۇنياسى فېستىۋالىدا ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ۋە ئادەتلىرى، تارىخى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇلاردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيىنىڭ ئافيون ۋىلايىتىنىڭ بولۋادىن ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فېستىۋالغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابلېكىم سەلچۇق بىلەن ياۋۇز يىلدىرىم ئەپەندى قاتناشتى.
بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ فېستىۋالغا تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور مۇستافا كافالى، پروفېسسور سەۋگى چۆكتۈ كافالى خانىم، در. ھۈسەيىن يېنىچەرى ئەپەندىلەردىن باشقا يېن ئافغانىستان تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيىسى، قىرىم تاتارلىرى تەشكىلاتلار بىرلىكى، غەربىي تىراكيا تۈركلىرى تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيىسى، كەركۈك تۈركمەنلىرى تەشكىلاتلىرى بىرلىكى، ئاغىسكا تۈركلىرى تەشكىلاتى، ئاناتولىيە شائىر، يازغۇچى ۋە بىلىم ئادەملىرى تەشكىلاتى، ئەزەربەيجانلىقلار تەشكىلاتى ۋە ئەدىرنە قىرىم تاتارلىرى جەمئىيىتى قاتارلىق 20 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلات قاتناشتى. بۇ فېستىۋالغا داڭلىق ناخشىچىلاردىن ئېرول بۈيۈكبۇرچ، زارەما خانۇم ئەسما، سېۋىل مەمەدوۋا ۋە گۈلەر ئاقسوي خانىم قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان ۋە ناخشا ئوقۇغان.
كېيىن بارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى سۆز قىلغان. فېستىۋالدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابلىكىم سەلچۇق ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ قىلغان سۆزىدە پۈتۈن قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.