بۇ ھەيئەتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا ئاىسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈركنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشقان.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.