13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى رەسساملار ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدا داۋاملاشماقتا

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن تۈركىيە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا. بۇلاردىن بىرى تۈركسوي رەسساملار ئۇچرىشىشىدۇر.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى 1997 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 13 - قېتىملىقى بۇ يىل ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا تەرىپىدىكى مارمارا كوڭگىرﯤ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەت 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 18 تۈركىي مىللەتتىن 19 تونۇلغان رەسسام قاتناشماقتا.

ئۇيغۇر رەسساملارغا ۋاكالىتەن ھازىر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق، تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بىلەن قازاقىستانلىق تونۇلغان رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى قاتناشقان.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن سانجار مۇلايىمئوغلۇ ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "تۈركسوي يەنى خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىدارىسى قۇرۇلغان 1997 - يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرك دۇنياسى رەسساملار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بۇ پائالىيەتكە تۈركسويغا ئەزا تۈركىي مىللەتلەردىن تونۇلغان رەسساملار قاتناشماقتا. بۈگۈنگىچە بولغان 12 قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 800 دىن كۆپ رەسىم سىزىلدى. ھازىرغىچە 150 رەسسامنى بىر يەرگە جەم قىلدۇق. 13 - قېتىملىق رەسساملار ئۇچرىشىشىنى داڭلىق تۈرك رەسسام ئوسمان ھامدى ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقىغا ئاتاپ ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان رەسساملار ئىككى ھەپتە بىرلىكتە رەسىم سىزىدۇ. بۇ رەسىملەر 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ. ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەت بىلەن مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىمىنىمۇ قويىمىز. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار كېلىپ زىيارەت قىلسا بولىدۇ."

قىسقارتىلما نامى "تۈركسوي" دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان. بۇ تەشكىلاتقا مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن باشقا تاتار، تۇۋا، خاكاس ۋە چۇۋاشقا ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەرمۇ ئەزا بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلمىغاچقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئەزا بولالمىغان.

13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى رەسساملار ئۇچرىشىشى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ۋە ئەخمەت ئەخەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.