تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يېڭى باياناتى ئامېرىكىدىكى بىر ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ توربېتىدە مۇلاھىزە قىلىندى

«خىتاي خەلقىگە مەكتۇپ» باياناتىدا، خىتاي خەلقىنى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى تونۇشقا ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە زالىم تەرەپكە يان باسماسلىققا چاقىرىلغان.

0:00 / 0:00

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتىنىڭ بۇ قېتىم، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە بولۇپ ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلىنىشى، جامېس تاۋن ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇلاھىزىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىدا بۇرۇنقىلىرىغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ نەپرەتلىرى ئىپادىلەنگەن. مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن قەسەملەر ئىچىلگەن. ئەمما پەرقلىق نۇقتا، ھازىرغا قەدەر ئەرەبچە مەتبۇئاتلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان، پەقەت ئارىلاپ ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تەشكىلات، بۇ قېتىمقى باياناتىدا خىتاي تىلىنىمۇ قوللانغان.

مۇلاھىزىدە باياناتنى ئوقۇغان كىشىنىڭ خىتايچە تەلەپپۇزىنىڭ توغرىلىقى، نۇتۇق قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بايان قىلىنىپ، مەزكۇر شەخسنىڭ بىر مەھەل خىتاي تەۋەلىكىدە ياشىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.

باياناتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر زېمىنىدىكى بايلىقلارنى بۇلاپ-تالاۋاتقانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. تەشكىلات بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد ھالىنى چۈشىنىشكە، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە، ھەقىقەتنى ياقىلاشقا ۋە زالىمغا يان باسماسلىققا چاقىرىلغان.

جامىستوۋن ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇلاھىزىسىدە بۇ مەزمۇنلار قىسقىچە بايان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىنى قانداق بىر مەقسەت بىلەن بەرگەنلىكى ھەققىدىمۇ تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدىدا پاكىستاندىكى بىر گېزىتتە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىن ئابدۇشۈكۈر تۈركىستانى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئەلقايىدە تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندىكى ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. جامېستوۋننىڭ پەرەز قىلىشىچە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى مەزكۇر خەۋەردىن بىئارام بولغان بولۇشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان چېگراسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بۇ باياناتنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇلاھىزىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مالىكى بۇلتۇر خىتاينى زىيارەت قىلغان چېغىدا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇلھەقنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تارمار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ شۇڭا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بۇ باياناتى ئارقىلىق، خىتايغا ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى جاكارلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

مۇلاھىزىدە مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قەشقەردە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، باياناتنىڭ مانا بۇ مانا بۇ مانېۋىرغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش ئىكەنلىكىمۇ تەخمىن قىلىنغان.

مۇلاھىزىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يەنە بىر نامى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى دەسلەپتە خىتاي تەۋەلىكىدە شەكىللىنىپ، ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر مەنبەلىرى كۆرسىتىلگەن.

مۇلاھىزە ئاخىرىدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ بۇ باياناتىدىن، خىتايغا كېلىدىغان چوڭ بىر تەھدىتنى كۆرگىنى بولمايدىغانلىقىنى، باياناتتا پەقەت بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش تەقەززاسىنىڭ ئىپادىلەنگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى نۆۋەتتىكى مۇناسىۋەت ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلسا، باياناتتا جاكارلانغان تەھدىتلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى خەلقئارا تېررورىزمنىڭ بىر قىسمى قىلىپ تونۇشتۇرماقتا، مۇلاھىزىچىلەر ھەتتا خىتاينىڭ بەزىدە پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە قارشى دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ۋاشىنگتوندىكى جامېس توۋن ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزى تەرەپسىز بىر ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر مۇلاھىزىسىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى باشقا ئوي ياكى پىلانلىرى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ياكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.