دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنى يىغىنغا چاقىردى

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ بالقانلاردىن، كافكازىيىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن، ئافغانىستان، ئۇيغۇر دىيارى، ئىران ۋە ئىراقتىن كۆچمەن قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى. رەسمى بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يۇقۇرىدىكى دۆلەتلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن.

بۇلار تۈركىيىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ۋەتىنىدىكى خەلقىنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بالقان، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئىراقتىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرىنى مىنىستىرلىككە چاقىرىپ يىغىن چاقىرغان.

بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى ھامۇت گۆكتۈرك بىلەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى پۈتۈن تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئايرىم - ئايرىم سۆز بېرىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ يېزىۋالغان ۋە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان سېيىت تۈمتۈرك ۋە ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بىر دۆلەت مىنىستىرىنىڭ ئۇلارنى چاقىرىپ دەردىنى ئاڭلىشى تۇنجى قېتىم ئىكەن. ئىككىلىسى بىردەك بۇ يىغىننىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىشتى. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.